پاكىستاندىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان بەش خىتاي ئىنژىنېر ئۆلگەن

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر سۇ ئېلېكتىر توسمىسىدا ئىشلەۋاتقان خىتايلارنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بەش خىتاي پۇقراسى ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە 26-مارت سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئىشچىلارنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدە كەم دېگەندە بەش خىتاي ئىنژىنېر ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن.

ئەينى ۋاقتتا بۇ ئاپتوموبىل پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىن 270 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇھىم قۇرۇلۇش بىر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

پاكىستان جىددىي قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى ئەلجەزىرە تورىغا تۆت كىشىنىڭ جەسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، قالغان ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان خىتايلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەمەس. 2021-يىلىمۇ خىتاي ئىشچىلىرىنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى ئۆلگەن.