خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىغا قارشى دەۋا ئاچقان

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكىنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىگە قارشى دەۋا ئاچقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 26-مارت سەيشەنبە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا 2022-يىلى ماقۇللىغان پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنىدىكى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلاغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، بۇ قانۇنغا ئاسەن ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تولۇقلىمىغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئەمما خىتاي ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىن چىقىرىلىشىنىڭ ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

2024-يىلى 27-مارت