ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن

China’s Xi Jinping Meets With US Business Leaders  
 
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ۋە تېخنىكا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان، خىتايغا سېلىنغان بىۋاستە چەتئەل مەبلىغى ئازىيىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە ئىلمىي ساھەسىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
 
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27-مارت چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش 90 مېنۇتتەك داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋە ئىلمىي ساھەسىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
 
ئامېرىكا ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گىرىنبېرگنى، ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكا شىركىتى (Qualcomm) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىرىستىيانو ئامون، فېدېراتسىيە پوچتا شىركىتى (FedEx ) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى راج سۇبرامانيام ۋە كېننىدى ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق مۇدىرى گراھام ئالىسۇن قاتارلىقلار بار ئىكەن.
 
شى جىنپىڭ ئۇلارغا خىتاينىڭ يېڭى دەۋردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازارنى ئاساس قىلغان، قانۇننى ئاساس قىلغان ۋە دۇنياۋى سودا مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئورتاقلىق ئىزدەش، كىچىك پەرقلەرنى تۈگىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش كېرە، بۇ دۆلەتلەر ئارا، ئائىلە ئارا ۋە تۇغقانلار ئارا ئوخشاش» دېگەن. 
 
2024-يىلى 27-مارت