شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىپتارلىق يىغىنىدا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى

olimalar1.jpg

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن 26-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆلىمالار، پېشقەدەملەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتارلىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكىتلىدى. ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆلىمالىرى ھەر يىغىلىشتا پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ مەسئۇلى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بەزى كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ۋەتەندىكى كىشىلەرنىڭ ھەتتا بىر تۇغقانلىرىدىن، يېقىنلىرىدىن، تونۇشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، قوشنىلىرىدىن قاچىدىغان؛ بىر-بىرىگە سالاممۇ قىلمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن.

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن، بولۇپمۇ تۇپراق دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. بىز بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىشىمىز، خەلقىمىز ئۆزىنى دەۋانىڭ ئىچىدە ھېس قىلىدىغان، بارلىقىنى ۋەتەن دەۋاسىغا بېغىشلايدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك».

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇنقەرز ۋەتىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2024-يىلى 29-مارت