كانادادىكى ئۇيغۇرلار تاشقى مۇداخىلە كومىتېتىغا خىتاي تەھدىتى ھەققىدە گۇۋھلىق بەرگەن

كانادا يەرشارى ۋە مەكتۇپلار تورىنىڭ 28-مارت خەۋەر قىلىشىچە، كانادادىكى دىئاسپورا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تاشقى مۇداخىلە كومىتېتىغا چەتئەل دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەھىمىنىڭ كانادا دېموكراتىيىسىگە بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە ئۆز جامائەتچىلىكىنىڭ دۈشمەن چەتئەل دۆلەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كانادادىكى ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىش ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

بۇ كومىتېت كانادىكى خىتايلار، سىخلار، ئىرانلىقلار، روسىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدىن 2019 ۋە 2021 يىللىرىدىكى سايلاملاردا چەتئەل مۇداخىلىسى ھەققىدە توققۇز كۈنلۈك ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى دائىرىسىدە مەلۇمات ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئاغزاكى ۋە جىسمانىي پاراكەندىچىلىك، ھەتتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش تەھدىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

پائالىيەتچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايەت قىلىش تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بار بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرۈشكە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ بايقۇت قىلىشنى پىلانلىغان، چۈنكى ئۇ ئونتارىيو ئەركىنلىك كابىنېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى، ھازىرقى ماركخام شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مايكېل چان، سابىق پارلامېنت ئەزاسى خەن دوڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئۆز-ئارا سوئال سوراشتىن ئەنسىرەپ قالغان. كومىتىت كومىسسارى مارىي جوسې خوگ ئۆزىنىڭ ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانغا دۇچ كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بېرىشنى قارار قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ بىر قانچە شەكلى بارلىقىنى تەسۋىرلىگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ 2021-يىلى پارلامېنت كومىتېتى ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، تىۋىتتېر ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئانىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى قانداق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

2024-يىلى 29-مارت