قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قازاقىستاندىن كېيىن ئۆزبەكىستاندا زىيارەتتە بولغان

President of Uzbekistan meets government head of Xinjiang Uyghur Autonomous Region of China

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 28-مارت كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاساسى نۇقتا قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى ئەمىلى ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مىرزىيايېۋ ‍ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان كۆپ خىل ھەمكارلىق ۋە ئورتاق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى، بولۇپمۇ يېڭى تېخنولوگىيە، يېزا ئىگىلىك، سۇ-ئىنشائات، قاتناش، ئارقا سەپ تەمىناتى، بانكىچىلىق، سەرمايە، مائارىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان-خىتاي تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۆزبەكىستان-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىنىڭ تەخمىنەن % 10 نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سان كۈنسېرى ئاشماقتا ئىكەن. 

 ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى ئۆزبېكىستان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىمۇ زىيارەتتە بولغان. ئەركىن تۇنىياز 26-مارت ئاستانادا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفنىڭمۇ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ توقايېفقا قازاقىستاننىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشتە خىتايغا ھەمدەمدە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

2024-يىلى 30-مارت