پاكىستاندا خىتاي ئىنژىنېرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتايلار ئىككى تۈرنى توختاتقان

China halts dam projects in Pakistan after deadly attack (Image Source: Yahoo News Singapore)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستاندا خىتاي ئىشچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەجەللىك ھۇجۇملارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان مىڭلىغان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستانلىق بىر ئەمەلدار 29-مارت فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خىتاي ھۆددىگەرلىرىنىڭ بۇ ھەپتە پاكىستاندا ئىككى چوڭ توسما تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، گېجۇبا گورۇھى شىركىتى ۋە خىتاي ئېلېكتىر شىركىتى (Power China) داسۇ توسمىسى ۋە دىئامېر باشا توسمىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم توختاتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈر ھۆددىگەرلىرى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىدىن تەخمىنەن 1250 خىتاي ئىشچى ئىشلەيدىغان قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، داسۇ توسمىسى تۈرىدە تەخمىنەن 750 خىتاي ئىنژېنېر ئىشلەيدىغان بولۇپ، 500 كىشى دىئامېر باشا توسمىسى تۈرىدە ئىشلەيدىكەن.

26-مارت، پاكىستاننىڭ شىمالىدكى داسۇ سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەش ئۈچۈن ماڭغان خىتاي ئىشچىلار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بەش خىتاي ئىنژىنېر ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن. 

2024-يىلى 30-مارت