دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ۋە ئالىمجان بۇغدانى يېڭى ئىلمىي ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن تەبرىكلەيمىز

تۈركىيەدە ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر - دوكتۇر نۇرئەخمەت قۇربان ۋە دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا ئىلمىي ھاياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۇرئەخمەت قۇربان پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا، ئالىمجان بۇغدا دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
 
دوكتۇر نۇرئەخمەت قۇربان چاناققەلە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تەفسىر ئىلمى بويىچە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
 
ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا بولسا، دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
 
بۇ ئىككى ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى، ۋەتەن- مىللەت ۋە داۋايىمىزغا خەيرىلىك خىزمەت ۋە تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!!!

 

2024-يىلى 31-مارت