تۈركىيەدە يەرلىك سايلام - كىملەر سايلىنىدۇ؟

May be an image of 5 people and people studying
 
تۈركىيەدە خەلق بۈگۈن يەنى 31-مارت بەش يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام - شەھەر ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.
 
بۇ سايلامدا ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ يەنى 81 ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ، بۇ شەھەرلەردىكى رايونلارنىڭ ۋە رايونلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلنى مىسالغا ئالساق، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئىستانبۇلدىكى 39 رايوننىڭ باشلىقى ۋە بۇ رايونلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ باشلىقلىرى سايلىنىدۇ.
 
ئىگىلىنىشىچە، سايلامدا 81 ۋىلايەت - شەھەر، 973 رايون ۋە 390 يېزا-بازاردا شەھەر باشلىقى، شۇنداقلا 50 مىڭ 336 نەپەر مەھەللە باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ بۇ سايلامدا بەلگىلىنىدۇ.
 
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سايلامدا تىزىملاتقان سايلىغۇچىلار 61 مىليون 441 مىڭ 882 نەپەر بولۇپ، 1 مىليون 32 مىڭ 610 نەپەر ياش تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلايدىكەن. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى شەھەرلەرگە قاراپ پەرقلىق بولۇپ، كۆپىنچە جايلاردا 70 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان. ئېنىق مەلۇمات تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ.
 
تۈركىيەدە سايلاملار ئومۇمىي سايلام ۋە يەرلىك سايلام دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي سايلامدا دۆلەت رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىنىدۇ. يەرلىك سايلامدا شەھەر ۋە رايونلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە مەجلىس ئەزالىرى سايلىنىدۇ. يەرلىك سايلاملار ھەر بەش يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
 
2024-يىلى 31-مارت