مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا ئۆتمەكچى بولغان سەككىز خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتى تېپىلغان

May be an image of 6 people and people fishing
 
مېكسىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولغاندا مېكسىكىنىڭ ئوكساكا شىتاتىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن يەتتە نەپەر ئايال ۋە بىر ئەرنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
 
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەسىتى 29-مارت جۈمە كۈنى تېپىلغان بولۇپ، ئۇلار بىر كۈن بۇرۇن بىر مېكسىكىلىقنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان.
 
ئوكساكادىكى تەپتىش مەھكىمىسى جەسەتلەرنىڭ پلايا ۋىسېنتې بازىرىدىكى دېڭىز ساھىلىغا يېقىن جايدا تېپىلغانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتتا، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ مېكسىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ قازا قىلغانلارنى ئېنىقلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، 2021-يىلىدىن بۇيان 6 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئامېرىكا چېگرىسىدىن كىرگەن. 

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى، 37 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى مېكسىكا-ئامېرىكا چېگرىسىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ سان ئىككى يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا 50 ھەسسە ئاشقان.
 
2024-يىلى 1-ئاپرىل