تۈركىيە يەرلىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ئومۇمىي نەزەر

رەسىمدىكى تۈركىيە خەرىتىسىدە قىزىل رەڭلىك شەھەر-ۋىلايەتلەردە ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (CHP) نىڭ نامزاتى غەلبە قىلغان؛ سېرىق رەڭلىك شەھەرلەردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (AK Parti) نىڭ نامزاتى؛ ئوڭ تەرەپتىكى بىنەپشە رەڭلىك شەھەرلەردە بولسا كۇردلارنىڭ سىياسىي پارتىيىسى (DEM) نىڭ نامزاتى غەلبە قىلغان.
 
تۈركىيە يەرلىك سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 22 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىككىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى
 
31-مارت ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (CHP) تۈركىيە مىقياسىدا 37.7 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1977-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم "بىرىنجى پارتىيە» بولغان. 
 
ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (AK Parti) بولسا 35.5 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 22 يىلدىن بۇيان كىرگەن سايلاملاردا ئېرىشكەن بىلەت سانىدا تۇنجى قېتىم ئىككىچنى پارتىيە بولۇپ قالغان.
 
ج ھ پ نامزاتلىرى غەلبە قىلغان شەھەرلەر ئىچىدە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، ئانتاليتا، ئادانا ۋە بۇرسا قاتارلىق تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەر بار. ئاق پارتىيەنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغان شەھەرلىرى ئاساسەن ئاناتولىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كونيا، قەيسەرى قاتارلىق ئاق پارتىيەنىڭ «قەلئەسى» دەپ قارالغان شەھەر-ۋىلايەتلەر بولغان. 
 
سايلامنىڭ يارقىن نۇقتىسى: يېڭى پارتىيە ئاق پارتىيەنىڭ سايلىغۇچىلىرىنى ئۆزىگە تارتتى
 
سابىق باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباكاننىڭ ئوغلى فاتىھ ئەرباكان تەرىپىدىن 2018-يىلى قۇرۇلغان «يېڭىدىن پاراۋانلىق پارتىيىسى» (YRP) بولسا 2023-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا «جۇمھۇر ئىتتىپاقى»غا قاتناشقان ۋە پرېزىدېنت ئەردوغاننى قوللىغان ئىدى.
 
ئىتتىپاقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيە تۇنجى يەرلىك سايلامدا ئۆزىنىڭ نامزاتلىرى بىلەن قاتناشتى ۋە ج ھ پ دىن كېيىن بېلەت سانىنى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرگەن پارتىيە بولۇپلا قالماي، يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قورغىنىنى لەرزىگە سالدى: نۇرغۇن شەھەرلەردە ئاق پارتىيەنىڭ بىلەت سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ پارتىيە مەلۇم ساندا ئاۋازغا ئېرىشكەن.
 
erbakan
 
تەھلىلچىلەر، ئاق پارتىيەگە ئاۋاز بېرىشنى خالىمىغانلارنىڭ فاتىھ ئەرباكاننىڭ پارتىيىسىگە ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ياكى بىلەت تاشلاشقا قاتناشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى 2019-يىلىدىكى يەرلىك سايلامغا قارىغاندا، تۈركىيە مىقياسىدا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. 
 
2024-يىلى 1-ئاپرىل