ئەركىن تۇنىياز ئۆزبەكىستاندىن كېيىن قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2-ئاپرىل قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى بېكىتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە قىرغىزىستان بىلەن قەشقەر ئارىسىدا ئاۋىئاتسىيە لىنىيسى ئېچىش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان. 

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا، 50 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنىڭ سودا ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن رەقەملەشتۈرۈش، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ سېلىش، دېھقانچىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تۈرلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جاپاروف خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئىككى تەرەپ يەنە، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھىرى ئارىسىدا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەركىن تۇنىياز يەنە قىرغىزىستان مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ رەئىسى ئاقىلبەك جاپاروف بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ: «سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا بىز شىنجاڭغا تايىنىمىز. خىتاينىڭ بۇ رايونى بىز ئۈچۈن دۆلىتىڭلارغا ئېچىلغان بىر خىل دەرۋازا » دېگەن.

خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوبوروتى 19 مىليارد 800 مىليون دوللار بولغان بولۇپ، 2022-يىلىدىن بۇيان% 30 ئاشقان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىىدە ئۇيغۇر دىيارىدا توختاپ ئۆتۈشى، شۇنداقلا ئەركىن تۇنىيازنىڭ خىتايغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشى دىققەت تارتماقتا. 

2024-يىلى 2-ئاپرىل