قىيىن-قىستاقتىن پەخىرلىنىش ۋە ئەقلىي تەڭپۇڭسىزلىق

زىمىستان» تورىدا بۈگۈن مۇشۇ تىمىدا چىققان ماقالىدىن بىر قانچە ئۈزۈندىلەر تەرجىمىسى)
 
كۆك بايراق، 2024-يىلى 3-ئاپرىل
 
جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇنى خەۋەر قىلىپ تارقىتىش بۈگۈن دۇنيادا ئىككىلا دۆلەتتە كۆرۈلىۋاتىدۇ، بىرى خىتاي، يەنە بىرسى روسىيە.
 
روسىيە بىختەرلىك كۈچلىرى موسكوۋا تېرور گۇماندارلىرىنىڭ قۇلىقىنى كېسىپ ئېغىزىغا چىشلەتتى، جان يەرلىرىگە توك ئۆتكۈزدى ۋە بۇ قىلغانلىرىنى دۆلەت ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىپ تارقاتتى. خىتاي بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن، ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنى كۆز يېشى قىلىپ يىغلاۋاتقان ھالتىدە تېلىۋىزوردا خەۋەر قىلدى. بۇ ئىكى گۇماندار زوراۋانلىق ھەركەتلىرىگە چېتىلغان ئەمەس، پەقەت « بۆلگۈچىلىك» ئىدىيىگە ساھىپ بولغان ۋە بۇ ھەقتە كىتاپ نەشىر قىلغان، ئىككى ياشتا چوڭ زىيالى، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ساتتار ساۋۇت ۋە شىرزات باۋۇدۇنلار ئىدى.
 
بۇ ئىككىسىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش، خەۋەردە دىيىلگەندەك ئىدىيىسى ئۆزگۈرۈپ ياكى قىلمىشىغا پۇشمان قىلىپ ئەمەس، شۈبھىسىزكى، دەل ئەنە شۇ موسكوۋا شەكلىدىكى بىر قىيىن -قستاقنىڭ ئازابىدىن ئىدى.
 
روسىيە بۇ قېيىن قىستاق خەۋىرى ئارقىلىق، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئاچچىقىنى باسماقچى، دۆلەت ئىچى-سىرتدىكى دۈشمەنلىرىگە تەھدىت سىگنالى يوللىماقچى بولدى . خىتاي بولسا، يۇقارقى قىيىن-قسىتاق خەۋىرى بىلەن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرماقچى، ئۇيغۇرلارنى قەھرىمان ئۈلگىلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرماقچى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىنى مەنىۋىي جەھەتتىن باشسىز قويماقچى بولدى.
 
بىر دۆلەت رەھبىرى قانداق ئەھۋال ئاستىدا، قېيىن-قىستاقتىن پەخىرلىنىدۇ ۋە خەۋەر قىپ تارقىتىدۇ؟ مەلۇمكى ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغاندا.
 
پۇتىننىڭ ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىدىكى بۇزۇلۇش، موسكاۋا تىياتۇرخانا ھۇجۇمىنىڭ زەربىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋە ئېغىرلىقىدىن بولۇشى مۈمكىن، بەلكىم ئىككى ھەپتىدە ئىشغال قىلىپ بولۇشنى پلانلىغان ئۇكرائىنىيەنى 3 يىلدىن بۇيان باش ئەگدۈرەلمەسلىكىدىن بولۇشى مۈمكىن، ئەمما شى جىنپىڭدىكى ئەقلىي تەڭپۇڭسىزلىق، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىي دەۋرىدىكى قىزىل قوغدۇغچىلىق مەزگىلىدە شەكىللەنگەن.
 
بۇ ئەقلىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ سەۋەبى نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، خەۋپ-خەتىرى دۇنياۋىدۇر.
 
پۇتىننىڭ قىيىن-قىستاقنى پەخىرلىنىپ خەۋەر قىلىشى، دۇنيادا دىكتاتورلار ئۈچۈن يېڭى بىر ئۈلگە يارىتىپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىشى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋلىنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈشى، مەسىلەن 6 يىلدىن بۇيان لاگىر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ خەۋتەرلىك باسقۇچقا ئىتتىرىشى مۈمكىن. يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پۇشايمان باياناتىنى خەۋەر قىلىۋاتقان خىتاي بۇندىن كېيىن نەق قيىن-قىستاق مەيدانىنى خەۋەر قىلىشى مۈمكىن. سەئۇدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمون، سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن ژورنالىست جامال قاشىقچىنىڭ بەدىنىنى ئىستانبۇلدا قانداق پارچىلىغانلىقىنى دۇنياغا ئۆزى ئېلان قىلىشى مۈمكىن.
 
بۇ تەڭپۇڭسىزلىق دەرھال بايقالمىسا ۋە بۇ تەڭپۇڭسىزلىققا تېگىشلىك تەدبىر قوللۇنۇپ جايىغا كەلتۈرلمىسە ، بۇنىڭ بالايى ئاپىتى، ئۇكرائىنىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلەنمەسلىكى، ئۇنىڭ دەردىنى بالتىق دۆلەتلىرى، تەيۋەن ۋە ھەتتا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەر تارتىپ قېلىشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ ئەقلىي تەڭپۇڭسىزلىق، بىرسى ئۇكراىنىيەدە ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ، يەنە بىرسى شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، قولىدا يادرو قورللىرى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىدىكى تەڭپۇڭسىزلىتۇر.