ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخنىكا ھەمكارلىق رامكىسى قۇرماقچى ئىكەن

ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلاد يۇقىرى تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرى ساھەسىدە ھەمكارلىق رامكىسى قۇرماقچى ئىكەن.
 
ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى نىككېينىڭ 31-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۆزەك ۋە توكلۇق ماشىنىنىڭ باتارېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئەۋلاد ئىلغار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ھەمكارلىق رامكىسى ئورنىتىشنى پىلانلىغان.
 
ئاپرىل ئېيىدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان مۇھاكىمە يىغىنىدا توكلۇق ماشىنا (EV) نىڭ توك مەنبەسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ناترىي ئىئونلۇق باتارېيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىستىقباللىق يېڭى ماتېرىياللارنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىي قوللىنىپ، خىتايغا تايىنىشتىن ساقلىنىش ئىكەن.
 
بۇ پىلاننى ئاشكارىلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتقا مەسئۇل كومىسسارى ئىليانا ئىۋانوۋا (Iliana Ivanova): «ئورتاق قىزىقىدىغان ساھەدە بۇ خىل سۆھبەت رامكىسىنى بەرپا قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق» دېگەن.
 
2024-يىلى 3-ئاپرىل