كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن تەيۋەن خىتاينىڭ ياردەم تەكلىپىنى رەت قىلدى ۋە نومۇسسزلىقىنى ئەيىبلىدى

تەيۋەندە 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ياردەم تەكلىپىنى رەت قىلدى، شۇنداقلا خىتاينى پۇرسەتپەرەسلىك ۋە نومۇسسىزلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

3-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى سەھەردە، تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى خۇلىئەن شەھىرىدە 7.4 بال يەر تەۋرىدى. بۇ تەيۋەندە 1999-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىكى فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ۋە شاڭخەيدە ھېس قىلىنغان؛ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدىمۇ تەۋرەش كۆرۈنگەن؛ فىلىپپىن دائىرىلىرى دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بېرىش ئىھتىماللىقىغا قارىتا ساھىللارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 10 ئادەم ئۆلگەن، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ۋە 52 ئادەم يوقاپ كەتكەن بولۇپ، قاپسىلىپ قالغان 700 ئادەم قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە ئىكەن. 

خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا بولسا، تەيۋەندىكى يەر تەۋرەشنى مەسخىرە قىلىش ۋە خۇشاللىقنى ئىپادىلەش يازمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرى كۆپەيگەن. ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ۋېيبودا بەزى قوللانغۇچىلار تەيۋەندىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە ئاپەتتىن كەيىپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەسخىرەت قىلغان. بەزى بىلوگچىلار ھەتتا بېيجىڭنى پۇرسەت بولسىلا تەيۋەنگە ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن ئىشغالىيەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە چاقىرغان.

خىتاينىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت ئىشخانىسى يەر تەۋرەشتىن كېيىن بۇ دۆلەتكە ئاپەت ياردىمى بېرىش تەكلىپى بەرگەندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسى ئۆزلىرىنىڭ ياردەمگە موھتاج ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 3-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەيۋەندە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشكە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن».

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېڭ شۇاڭنىڭ بۇ سۆزى تەيۋەندە نارازىلىق پەيدا قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يوڭجيەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ تەيۋەندىكى يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ خەلقئارا سەھنىدە ئىدېئولوگىيە جېڭى قىلىشتەك نومۇسسىز قىلمىشى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ پەقەت خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا سىياسى ھېساب كىتابتىن باشقا ياخشى نىيىتى يوقلۇقىدەك مۇستەبىتلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈردى، دەپ كۆرسەتكەن.

ليۇ يوڭجيەن تەيۋەننىڭ دېموكراتىك سايلانغان ھۆكۈمىتىنىڭلا خەلقئارادا 23 مىليون 500 مىڭ تەيۋەن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قسىمى ئەمەسلىكىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئوبيېكتىپ پاكىت ۋە ھازىرقى ئەھۋال ئىكەنىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، تەيۋەندە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سوراپ ياردەم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقان.

2024-يىلى 4-مارت