بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقىدا ئەزىز شېھىتلەرنى ياد ئېتىمىز!

بۇنىڭدىن 34 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن، خەلقىمىز ئارىسىدا بارىن قوزغىلىڭى، بارىن ئىنقىلابى، بارىن جىھادى ۋە بارىن قىرغىنچىلىقى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە زۇلمىغا قارشى كۈرەشنىڭ ۋە بىر قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ۋە بۇ جەريانىدا قۇربانلىق بەرگەن شېھىتلىرىمىزنى مىننەت ئىچىدە ياد ئېتىمىز!

بارىن قوزغىلىڭى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە قارشى نارازىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.

34 يىل ئىلگىرى، يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، زەيىندىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇم، سىياسىي زىيانكەشلىك، ئىرقىي كەمسىتىش، مىللىي ۋە دىنىي يوقىتىش سىياسىتىگە قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى بىلەن قوراللىق ئىنقىلابقا ئايلاندى. ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئارمىيىسىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى بىلەن بىر قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. 

80-يىللاردىن باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «پىلانلىق توغۇت سىياسىتى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە دىنىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە زورلاش، توغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بوۋاقلارنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ۋە باشقا قاتتىق قول سىياسەتلەر خەلق ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىدى. شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كېلىشى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئىچىدىكى مۇستەقىل بىر مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئورگان بولغان ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى»نىڭ كېڭەيتىلىشىمۇ قەلبى ئويغاق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتەك رەزىل نىيىتىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ۋە بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. 

دەسلەپتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلانغان بىر ھادىسە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن بىر قوراللىق ھەرىكەتكە ئايلاندى. ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 20 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ئەسكەر، تانكا ئەترىتى، تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ رايوننى قامال قىلدى ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. 

كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، خىتاي ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ ۋەھشىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئادىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاۋازىنى پۈتۈنلەي جىمىقتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە پۈتۈنلەي يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2024-يىلى 4-ئاپرىل