بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىدا ئىپتار ئۆتكۈزۈلدى

1990-يىلى 5-ئاپرېل يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقىنى، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، مۇبارەك رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا «بارىننى ئۇنتۇمايمىز، روزا تۇتۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز» تېمىسدا نامايىش ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا ئالدى بىلەن بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا بۈگۈن خاتىرىلىنىۋاتقان بارىن قەتلىئامىنىڭ 1990-يىلى 5-ئاپرېل رامىزان ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلدى. ئارقىدىن بارىن قەتلىئامىنىڭ خىتاينىڭ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارشى قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن جىددىيلەشكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقنى قاتتىق باستۇرغانلىقى، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ياشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى قوزغالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ چوڭ-كىچىك دېمەستىن خەلقنى قىرغىن قىلغانلىقى، نەچچە مىڭ ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىشتىن كېيىن يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغانلار بىرلىكتە ئىپتار قىلدى. يىغىلىش شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

2024-يىلى 6-ئاپرىل