ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەشەببۇسلار يولغا قويۇشقا قوشۇلغان

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى تۈرلۈك ئورتاق تەشەببۇس يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
 
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا «دۆلەت ۋە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشى ئۈچۈن دېئالوگ» ۋە «قارا پۇلغا قارشى ھەمكارلىق ۋە دىئالوگ» ناملىق ئىككى يېڭى تەشەببۇسنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.
 
ئىگىلىنىشىچە، يېلېن پەيشەنبە كۈنى گۇاڭجۇغا يېتىپ كەلگەن. بۇ ئۇنىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى. ئۇ خې لىفېڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيجوڭ ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
 
يېللېن گۇاڭجۇغا بارغاندىن بۇيان ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن «ساغلام ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت» ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن «ئامېرىكىلىق ئىشچىلار ۋە شىركەتلەرنى باراۋەر رىقابەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش» ۋە «ئىختىلاپلىق ساھەلەردە ئوچۇق ۋە بىۋاسىتە ئالاقە قىلىش» قا ئىھتىياجلىق ئىكەنىكىنى تەكىتلىگەن.
 
يېللېن يەنە، خىتاينىڭ سانەئەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جانېت يەللېن يەكشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ قىيىن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارنىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە "تېخىمۇ مۇقىم ئاساس"قا ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بېيجىڭدا يىغىن باشلانغاندا، لى ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە رىقابەتچى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلاشقۇچى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، يەللېننىڭ سەپىرى داۋامىدا "ياخشى ئىلگىرىلەشلەر"نىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

2024-يىلى 7-ئاپرىل