خىتاي روسىيەنى ھەربىي ئاخبارات مەقسىتىدە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن

خىتاينىڭ روسىيەنى ئۇكرائىنادىكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە باشقا ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئاپرىل بىلومبېرگنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈچۈن روسىيەگە بولغان ياردەمنى كۆپەيتكەن.

خىتاي روسىيەنى ھەربىي مەقسەتتە سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى، شۇنداقلا مىكرو ئېلېكترون ئۆزەك ۋە تانكىلارنىڭ ماشىنا سايمانلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاينىڭ ياردىمى يەنە ئوپتىكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېقىلغۇسى ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ 2023-يىلى 240 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق رېكورت ياراتقانلىقى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە خىتايغا كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كۆپەيتكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇھىمى، خىتاي ۋە خوڭكوڭمۇ موسكۋانىڭ قورال ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ياكى ئېھتىياجلىق بولغان ئۆزەك ۋە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق چەكلەنگەن تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق دەرۋازىسىغا ئايلاندى. گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يۆتكىلىشكە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن بىر نەچچە خىتاي شىركىتىنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما سودىدا پەسەيتىش ئالامەتلىرى يوقتەك قىلىدۇ.»

2024-يىلى 7-ئاپرىل