مەرال ئاقشەنەر پارتىيە قۇرۇلتىيىدا قايتا نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا كاندىدات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«ئىيى» پارتىيىسى31-مارتتىكى سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەرال ئاقشەنەرنىڭ نامزات بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى قىزىقارلىق نۇقتا بولغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامدا ئىيى پارتىيەنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى 2019-يىلىغا سېىلىشتۇرغاندا بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پارتىيەدە سايلامدىن كېيىن بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە قۇرۇلتىيى 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ئىيى» پارتىيىسىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت تولگا ئاكالىن، مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كوراي ئايدىن ۋە پارلامېنت ئەزاسى مۇساۋات دەرۋىشوغلۇ ئۆزلىرىنىڭ رەئىسلىككە نامزاتلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىغان ۋە ئۇيغۇرلار تونۇيدىغان بىر سىياسەتچى ئىدى. مەرال ئاقشەنەر خانىم كۆپ قېتىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان ۋە بىر نەچچە قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

2024-يىلى 8-مارت