بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىق خاتىرە كۈنى

بۈگۈن، 1945-يىلى 8-ئاپرىل غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىق خاتىرە كۈنى!!! جاللات شىڭ شىسەي ۋە ئىشغالچى گومىنداڭ كۈچلىرىگە قارشى قوزغالغان خەلق 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇردى. غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزىم شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە تەقلىد قىلىپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىيەنىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى.

1931-يىلدىن 1934-يىلغىچە ۋە 1944-يىلدىن1949-يىلغىچە  شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچەيگەن ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بولۇپمۇ  1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىل تارقىتىلۋېتىلشىگچە بولغان جەرياندا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى. 

جاللات شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندىن كىيىن، 1944-يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاب پارتلىدى. 1944-يىلى 9-ئاپرېل، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن غۇلجا ناھىيە بازىرى(ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. 1944- يىلى 8-ئايدا پاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، سېيىت باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا  نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى. 

dogu-turkistan-milli-ordusu-1712559041-83

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلدۇردى ۋە جەنۇبقا ئاتلاندى. مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنىڭ باي ۋە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، خىتاي قىسىملىرىنى ئاقسۇ شەھىرىگە قىستاپ كەلدى.

ئارمىيە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيىسى بولغان شىخو ۋە جىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرىگە ئالدى.

1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي سودىلاردىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ۋاقتقىچە ئىشغالچى كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن مىللىي ئارمىيە ئاستا-ئاستا خىتاي ئارمىيىسنىڭ بىر قىسمى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئوفىتسېرلار ۋە ئەسكەرلەر تۈرلۈك بوھتانلار بىلەن يوقىتىلدى. 

1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 5-بىڭتۈەنى قىلىپ قايتىدىن تەشكىللەندى. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 10 يىل داۋاملاشقان  مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈرلۈك سۇيىقەست ۋە باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىدۇ. 

2024-يىلى 8-ئاپرىل