خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس ئۇيغۇرچە ۋىدېئولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ چەتئەل ئەپلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس ۋىدىيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، رايوندىكى تور ئابۇنىتلىرىنى تىكتوك، X يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر، يۇتيۇب، بىتكويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى يۈكلىمەسلىكنى، يۈكلىگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھالبۇكى، يىللاردىن بۇيان قاتتىق قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بۇلارنىڭ بارلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز. 
 
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ دويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقاتقان ئۇيغۇرچە ۋىدېئودا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر تور ئابۇنىتلىرى يۇقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى قاچىلىسا قولغا ئېلىنىدىكەن، 15 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىشەنچ كرېدىتىدىن 40 نومۇر تارتىلىدىكەن.
 
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تىكتوك، X يەنى تىۋېتتېر، لىنكىدىن، فېيسبۇك، يۇتيۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھېساب ئېچىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشتا كەڭ پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور ئابۇنىتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بايت دەنس شىركىتىگە قاراشلىق تىكتوكنىڭمۇ چەتئەل شىركەتلىرى قاتارىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
 
يۇقىرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان بىر سىندا بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچىنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن دىققەت قوزغىدى. چۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارلا يۇتيۇب، تۋىتتېر قاتارلىق ئەپ ۋە سۇپىلاردىن پايدىلىنالايدۇ، يەنە كېلىپ چەتئەللەردىكى زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۈزۈلگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن يېڭى باھانىلەر ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالدى. 
 
2024-يىلى 8-ئاپرىل