ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە، بۇ يىلمۇ روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى بىرلىكتە ھېيتلاشتى.
11-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى، ئىستانبۇل سافاكۆيدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورۇسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە، ھەر قايسى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەردىن، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە سۆز قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلار ئارىسدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن نومۇر ئورۇنلاپ پائالىيەتكە ھۆسۈن قوشۇشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
بۇ سۈرەتتە، بالىلار ھېيتلىق ئېلشنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتمەكتە.
2024-يىلى 11-ئاپرىل