د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 2024-يىللىق روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا تاللانغان بولۇپ، تۈنۈگۈن گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
 
د ئۇ ق ئاخباراتى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زۇمرەتئاي ئەركىن 11-ئاپرىل، ئامېرىكىنىڭ 32-پىرېزىدېنتى روزۋېلتنىڭ ئانا يۇرتى ۋە روزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان گوللاندىيەنىڭ مىددەلبۇرگ شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالغان

روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم 4 كاتېگورىيە بويىچە تارقىتىلىدىغان ۋە «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» دەپمۇ ئاتالغان مەزكۇر مۇكاپات، پىرېزىدېنت روزۋېلت تەرىپىدىن 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلان قىلىنغان. 1950-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ مۇكاپات ئىنسانلارنىڭ 4 چوڭ ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا تايانغان ئالاھىدە ئەركىنلىك مۇكاپاتى بولۇپ قالغان. بۇ 4 چوڭ ئەركىنلىك ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىبادەت ئەركىنلىكى، يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىكى، قورقۇنچ ۋە تەشۋىشتىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت.

زۇمرەتئاي ئەركىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت ئەركىنلىكى كاتېگورىيەسى بويىچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. ئۇ، بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىكى خۇشاللىقىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى ھەمدە ئۇنىڭ روزا ھېيتتا بىر ئۇيغۇر قىزىغا بېرىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن، زۇمرەتئاي ئەركىن، دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي تەشۋىقات بۆلۈمى خادىملىرى 10-ئاپرېل گوللاندىيەگە يېتىپ كەلگەن. مۇراسىمغا قۇرۇلتاينىڭ گوللاندىيە ۋەكىللىرى ۋە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، شۇنداقلا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا گوللاندىيە خان جەمەتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، دىپلوماتلار، ئاخباراتچىلار قاتناشقان. يىغىندىن كېيىن زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسالار گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، زۇمرەتئاي ئەركىن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليامغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان.

2024-يىلى 12-ئاپرىل