ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىنىڭ تۇنجى ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى خىتاينى نارازى قىلدى

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتى، جۈملىدىن خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تالاش-تارتىشى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى بولدى، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 11-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئىكەن. 

ئۇچرىشىشتا، بېيجىڭنىڭ مانىلاغا چۈشۈرۈۋاتقان بېسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىددىيلىكلەرنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتى سابىق ئامېرىكا مۇستەملىكىسى بولغان فىلىپپىنغا يېڭى بىرلەشمە ھەربىي كۈچ ۋە ئۇل ئەسلىھە ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىن بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بار. شۇنداقلا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى سىنكاكۇ ئارىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بەزى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 

ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان «ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە قاراش باياناتى» ناملىق باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا بولغان ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللارنىڭ ھەربىلەشتۈرۈلۈشى ۋە قانۇنسىز دېڭىز تەۋەلىكى تەلەپلىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز».

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ جۈمە كۈنى ئۈچ تەرەپنىڭ باياناتىنىڭ «مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارىلاش» بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ياپونىيە ئەلچخانىسىدىن بىر دىپلوماتنىڭ چاقىرتىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. 

ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەن بايدېن، ۋاشىنگتون بىلەن مانىلا ئارىسىدا 1950-يىللاردىكى تۈزۈلگەن ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىنغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ: «ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە فىلىپپىنغا بەرگەن مۇداپىئە ۋەدىسى قەتئىيدۇر» دېگەن.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جۈمە كۈنى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىلىپپىن، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»نىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە رايوننىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينى نىشان قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

خىتاي قوشنىا دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە دەپ قارايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىن قۇرۇقلۇق زېمىدىن 200 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىققچە بولغان دېڭىز تەۋەلىكى ئىچىدە بولغان ئىككىنچى توماس ئارىلى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغىمۇ ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ. گوللاندىيەدىكى خەلقئارا دائىمىي كېسىم سوتىنىڭ 2016-يىلدىكى قارارىدا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنىڭ ئامېرىكىنى بۇ تالاش-تارتىشقا باشلاپ كىرىشى بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارالماقتا. 

ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۈچ تەرەپلىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئورنىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىككى داڭلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىككى پارتىيەلىك قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مانىلانى خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2 مىليارد 500 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

رەھبەرلەر يەنە ئۇچرىشىشتا فىلىپپىننىڭ پورت، تۆمۈر يول، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېڭى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوللاش قاتارلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئېلان قىلغان.

2024-يىلى 13-ئاپرىل