شولز مۇرەككەپ سودا ۋە سىياسىي مۇھىتتا خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى: كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۈمىدلەر

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، زىيارەت مەقسىتى خىتاينىڭ سودا پائالىيەتلىرى ۋە روسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش دەپ قارالماقتا. گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، شولز چۇڭچىڭ سەپىرىنى باشلىدى، كېيىن شاڭخەي ۋە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ساياھەت باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى بىر دۆلەتكە قىلغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىشقا ۋە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز 14-ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى مىنىستىرلار ۋە سودا ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ بىر ھەيئەت بىلەن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى خىتاينىڭ ئاپتوموبىل ۋە باشقا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان چوڭچىڭ شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردە گېرمانىيە مەبلەغ سالغان نۇرغۇن كارخانىلار بار. ئۇ ئارقىدىن خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى شاڭخەيگە بارىدۇ. ئاخىرىدا بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. 

شولزنىڭ بۇ زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان بازار رىقابىتى پائالىيەتىرىنى، جۈملىدىن توكلۇق ئاپتوموبىلغا تەمىنلىگەن دۆلەت تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىزچىل روسىيە تەرەپتە تۇرۇشىمۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرماقتا. 

گىرمانىيە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، تاراتقۇلاردىكى تەھلىلەر، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان تايىنىشتىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

گېرمانىيە كارخانىلىرى خىتايدىكى ئادىل بولمىغان رىقابەتتىن شىكايەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، دۆلەتمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن بەزى سىياسەتلەرنى چىقارماقتا. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، خىتاي 2023-يىلى ئۇدا سەككىز يىل گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان. 

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى

گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىدىكى سەزگۈر تېمىلاردىن بىرى كشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا شولىزغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشى ئۈچۈن كۈچىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى»ە خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خەلق سۈپىتىدە ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە گېرمان، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ يوللىغان مەزكۇر مەكتۇپتا، ئولېف شولىزنىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدىكى قەبىھلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

 

2024-يىلى 15-ئاپرىل