روزا ھېيتتا خەلق قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىككى ئۇيغۇر ئارىمىزدىن ئايرىلدى

بۇ يىل روزا ھېيتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جامائەتكە تونۇشلۇق ئىككى شەخستىن ۋاقتسىز ئايرىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر بوۋايلاغا خاس سىماسى ۋە پائالىيەتلەردىكى خۇش ئاۋازى بىلەن تونۇلغان يەكەنلىك ئابدۈشۈكۈر ئاكىمىز، يەنە بىر ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئاكتىپلىقى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن تونۇلغان ئايشە خانىم.

روزا ھېيت نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغان ئابدۈشۈر ھاجىم تاغىمىز 12-ئاپرىل يەنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، بىر مەزگىلدىن بۇيان بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئايشە ياسىن خانىمنىڭ ۋاپات خەۋىرى كەلدى.

ئابدۈشۈكۈر ھاجىم يەكەنلىك بولۇپ، 1946-يىلى توغۇلغان، ئىلگىرى ئىمامەتچىلىك قىلغانلىقى مەلۇم. 2013-2014 يىللىرى باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئوغلىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئون يىللىقتىن ئارتۇق كېسىلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدە ياشىغان. يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇلايىم، خۇش پىئىللىقى بىلەن ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولسا، ھۆكمەت ۋە شىئلارنى ئوقۇشلىرى بىلەن كۆڭۈللەردىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ نامىزى قەيسەرىدە ئوقۇلدى.

aysehanim

ئابدۈشۈكۈر ھاجىم ۋە باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي زۇلمى سەۋەبلىك تۈركىيەگە كەلگەن ئايشە خانىم، يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئاكتىپلىقى، جانلىقلىقى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى جەھەتلەردىكى تىرىشچانلىقى بىلەن تونۇلغان. ئۇ تۈرلۈك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان، شۇنداقلا يېقىندا خۇش ئاۋازى بىلەن قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ تارقاتقان. مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزى بۈگۈن ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلۇپ، ئارقىدىن سىلىۋرى رايونىدىكى گۈمۈشكايا مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

ھەر ئىككى مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز! ماكانلىرى جەننەت بولسۇن!!!

2024-يىلى 16-ئاپرىل