ۋەتەن ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىز كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ ياشايدىغان ئورمان قانۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز.  دۇنيا يارالغاندىن بېرى بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمىدى، كۈچلۈكلەر كۈچىنى يوقاتمىغان مۇددەتكىچە كۈچلۈك بولۇۋەردى، ئاجىزلار كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلمىگەن مۇددەتكىچە ئاجىز قېلىۋەردى، بارا-بارا دۇنيادىن يوقىلىپ تارىخقا ئايلىنىپ قالدى. ئەتراپىمىزدا چوڭ بېلىقلار كىچىك بېلىقلارنى يەپ سەمرىپ ياشاۋاتىدۇ، كىچىك بېلىقلار ئاستا-ئاستا مۇنقەرزلىككە يۈز تۇتۇۋاتىدۇ.  چۈنكى ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش شەرت.

ئاۋۇسترالىيەنى بېسىۋالغان ئەنگىلىيەلىك ئىنگىلىز ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئەسلى پۇقرالىرى بولغان ئابۇرجىن مىللىتىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ بارغان ئىنگىلىزلەر ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان رايونلىرىنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، قوغلاشتىن ۋاز كېچىش سەۋەبلىك پۇقرالاردىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھايات قالغان ئىكەن. ئاۋۇسترالىيەدە ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ئاۋۇسترالىيەدىكى يەرلىكلەرنىڭ نىسبىتى پۈتۈن ئاۋۇسترالىيە نوپۇسىنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ۋەتىنىمىزدىن ئىنگىلىزلەرنى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئاۋۇسترالىيەنى ئازاد قىلىمىز دېگەن بىرەر ئابۇرجىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۈگەشتى، ئۇلارنىڭ تۈگىشىشى بىلەن ئۇلاردىكى روھ ۋە ئىرادىمۇ تۈگىدى. ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت ئابۇرجىنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ باقمىدى.

ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە 710-يىلىدىن 1492-يىلىغىچىلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن، كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەر مەيدانغا كەلگەن، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغان بىر ئىسلام مەركىزى ئىدى. پۈتۈن ياۋروپالىقلار بۇ مەركەزگە كېلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەدرىسلىرىدە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شانلىق ئىسلام مەركىزى قىزىل كرېست خىرىستىيان مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار يا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئۆلۈپ تۆگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، كۆپلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن 800 يىلغا يېقىن ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئەندۇلۇس دۆلىتى خىرىستىيان دۆلىتىگە، ئاھالىسى خىرىستىيانلارغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىرقى كۈندە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ياكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئەندۇلۇسنى قايتۇرۇپ ئالىمىز دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىنتىقام ئالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان جانلار ئۆلۈپ تۈگىدى، كېيىنكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دەردى بىلەن قالدى. 

دېمەك، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشى كېرەك. باشقا بىرى ئۇنى قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ جىم ياتقان خەلقنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئاچىقىپ قويمايدۇ، ئەگەر شۇ خەلق ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ مەيدانغا چۈشسە ۋە يولى ھەق بولۇپ، شەرىئەت ۋە تەبىئەت (يەنى سەۋەب بىلىش) قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ.  ئەگەر ئۇ خەلقنىڭ يولى ھەق بولسىمۇ، ئۇلار شەرىئەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇلارنى ئۆز ئىقتىدارىغا ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىگە تەرك ئېتىدۇ.  ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقىغا قاراپ يا غەلىبە قىلىدۇ ياكى يېڭىلىدۇ. 

بۇ دۇنيا ئادالەت قىلمايدۇ، ئىنساپ قىلمايدۇ، ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مىللەتكە ئىچ ئاغرىتمايدۇ، ھەق-ناھەق بۇ دۇنيادا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ، كىم كۈچلۈك بولسا، ھەقىقەت شۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ، شۇنىڭ گېپى ئاقىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيا ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان، ئادالەت ھۆكۈم سۈرىدىغان جاي ئەمەس، ئۇنىڭ ئورنى ئاخىرەتتۇر.

بۇ دۇنيا جاپادىن قورقمايدىغان، چىدامچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارغا قۇرۇلغان مەيدان بولۇپ، ئىشلىمىگەن ئادەم ياكى مىللەت گەرچە ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار مۇئمىن بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا نەتىجە قازىنالمايدۇ. ئىشلەيدىغان ئادەم ياكى مىللەت گەرچە كاپىر بولسىمۇ، ئۇ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرىدۇ» دېگەن سۆزىدە «ئىنسان» دەپ كەلتۈرگەن، مۇئمىن ئىنسان ياكى كاپىر ئىنسان دېمىگەن. مەيلى قانداق مىللەت بولسۇن، قانداق ئىنسان بولسۇن، «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ». 

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز:

1.   بىزنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە بولغان ئىمانىمىز كۈچلىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە بولغان تەلپۈنىشىمىز ئاشىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ناھەقچىلىكلىرى، ئىنساپسىزلىقى، ئادالەتسىزلىكى بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە تەلپۈندۈرىدۇ. ئاخىرەتتىن ئىبارەت ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان، زالىملار جازاسىنى تارتىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئىنتىقامىنى ئالىدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشى ئەقىلنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ناۋادا ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئادالەت يۈزدەيۈز ئەمەلگە ئاشىدىغان، ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان، ھەتتا مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ قىساسى مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلاردىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر كۈن بولمىسا ئىدى، ئىنسانلاردا ئادالەتكە تەلپۈنۈش، ناھەقچىلىكنى يامان كۆرۈش ھېسسىياتى بولمىغان بولاتتى. چۈنكى يوق نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. 

2.   بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتۇلدۇرمىساق، بىزنى چوڭ دۆلەتلەر ياكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە ياكى قانداش خەلقلەر قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت، ھېچقانداق خەلق بىزنىڭ غېمىمىزنى يېمەيدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ بىزنى قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ.  چۈنكى ئاللاھ تائالا ياتقاننى يۆلىمەيدۇ، ئەمما ئورنىدىن تۇرغاننى، ھەرىكەت قىلغاننى قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلغاننى يۆلەپ قويىدۇ.  ئاللاھ تائالا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى زالىملارنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق ئېزىلگەن مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، بۇ قانۇنىيەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەندە ئۆزگەرگەن.  شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە ئابابىل قۇشلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆزى ھالاك قىلىپ بەرمەيدۇ.  مۇئمىنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك شەرىئەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى دۇنياغا ھۆكۈمدار قىلىدۇ.  ئەگەر مۇسۇلمانلار زامانىمىزدىكىدەك ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتكەن ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل قىلغان قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ، ئۇلارنى ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىگە تەرك ئېتىدۇ-دە، ئەھۋالى ھەرگىزمۇ ياخشىلانمايدۇ. 

3.   زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۇزۇن مۇساپىلىك يول.  بۈگۈن ياكى ئەتىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.  بۇ يولدا ھاياجان، ھېسسىيات، غەزەپ، ئاچچىق، سەۋرسىزلىك ئىشقا يارىمايدۇ، بۇ يولدا چىدام، ئەقىل-پاراسەت، پەم، ئىدراك، يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىزچىللىق كېرەك.  مۇستەقىللىقنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەممە ئوبدان بىلىدۇ.  ئۇلارنى دۇنيا قوللىمايۋاتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ.  مۇستەقىللىق دېگەن ھەركىمگە چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، ئېزىلگەن، مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى بولغۇچە تارتقان خەلقنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان، چىرايىغا كۈلگە بېغىشلايدىغان چىرايلىق سۆز.  ھەرقانداق ئۇيغۇر مۇستەقىللىقچىدۇر.  ھەتتا خىتايدا يۇقىرى مەنسەپكە چىققان غالچا ئۇيغۇرلارمۇ «كاشكى، مۇستەقىل بولغان بولساق، چوڭ بىر خىتاي دۆلىتىنىڭ كىچىك ئەمەلدارلىرى بولغاندىن كۆرە، مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى بولاتتۇقكەن» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرىدىغاندۇ، بەلكىم.  دېمەك، مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر يوقتۇر.  ئەمما مۇستەقىللىق دېگەن قۇرۇق شوئارلار بىلەن، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ۋە ھېسسىياتقا تايىنىپ قوزغىلىپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.  مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئىزچىل ئىشلەش، ئىلىم –مەرىپەت، كۈچ-قۇۋۋەت، پەم-پاراسەت تەلەپ قىلىنىدۇ.  دۇنيادا ھەركىم ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ، كېچىكىپ بولسىمۇ كۆرىدۇ.  خورما دەرىخى تىككەن ئادەممۇ ئۇنىڭ خورمىسىنى ئۆزى كۆرمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كۆرىدۇ، چۈنكى خورما دەرىخى يىگىرمە، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن مېۋە بېرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇنى تىككەن ئادەم ئومۇمەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن تىكىدۇ.  چۈنكى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئۆمرى مېۋىنى كۆرۈشكە يەتمەيدۇ.  بىزدە قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ مېۋىسىنى ئەۋلادلىرىم كۆرسۇن دەيدىغان خالىس نىيەت ئومۇملاشقان چاغدا، بىزنىڭ ئىشىمىز چوقۇم غەلىبىگە قاراپ يول ئالىدۇ.  بىزدە «قىلغان ئىشىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرۈشۈم كېرەك، بولمىسا قىلمايمەن» دەيدىغان شەخسىيەتچىلىك ئىللىتى يوقىلىپ، ھەممىمىز خورما دەرىخى تىككەن ئادەمدەك سەۋرچان، چىداملىق، ھارماس بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئىشىمىز راۋاج تېپىشى مۇمكىن.

نېمە قىلىش كېرەك؟

مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كاپالەتلىك ۋە ئەڭ مېۋىلىك بولغىنى ئادەم يېتىشتۈرۈشتۇر.  چۈنكى دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغانلارمۇ ئادەملەردۇر.  ياراملىق ئادىمى بار مىللەت ھەرگىز ئاجىز ئەمەس، ئۇ ھامان ئارزۇسىغا يەتمەي قالمايدۇ.  شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئىلىم –مەرىپەت ۋە ئاڭ – سەۋىيە بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم.  بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ قىممەت مەكتەپلەردە سۈپەتلىك ئوقۇتۇشىمىز شەرت.  بارچە بايلىقىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن سەرپ قىلساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىز.  چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز ئەۋلادلىرىمىزدۇر.  سىياسەتنى بىلىدىغان، دۇنيانى چۈشىنىدىغان، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ئاللاھتىن قورقىدىغان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىدۇر.  ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتالمىغان ياكى پەرزەنتى بولمىغان ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر باشقىلارنىڭ تىرىشچان ۋە ئەقىللىق پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ قويسا، بۇ ئەڭ كاتتا سالىھ ئەمەل، سەدىقە جارىيە قاتارىدا ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يېزىلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.  ھازىرقى پەيتتە خەلقىمىز ۋە دىنىمىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن كاتتا خىزمەت يوقتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ بېشى ئىمانلىق، ياراملىق ئوت يۈرەك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋۋال ئادەم يېتىشتۈرگەن، ئاندىن شەرىئەتنى تەتبىق قىلغان.  ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئالاھىدە كاتتا خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ساھابىلەرنىڭ تولىسى ياشلار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئاشۇ ئەزىمەتلەر دۇنيانى ئۆزگەرتتى، ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەزىزلىككە ئېلىپ چىقتى.  ھەرقانداق ئىش كىچىكىدىن باشلىنىپ چوڭىيىدۇ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېسىلغان ھەربىر قەدەمنى ھەرگىز ئاددىي سانىماسلىق، بو يولدا توختاپ قالماسلىق ۋە ئىزچىللىقنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. 

يەھۇدىيلار بۇنىڭدىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئۇنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئوسمانىيلار دۆلىتىنى يىقىتىش شەرت ئىدى.  چۈنكى ئوسمانىيلار دۆلىتى يەھۇدىيلار تەقدىم قىلماقچى بولغان كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن، كۈمۈشنى، ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تاغدەك بولۇپ كەتكەن قەرزلىرىنى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، يەھۇدىيلارغا پەلەستىندىن بىر غېرىچ تۇپراقنىمۇ بەرمەيمىز، دەپ چىڭ تۇرغان ئىدى.  ئەمما يەھۇدىيلار پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى، ئوسمانىيلار دۆلىتىدەك ئۈچ قىتئەنىڭ ھاكىمىيىتى ئىلكىدە بولغان قۇدرەتلىك دۆلەتنى يىقىتىش نىيىتىدىن يانمىدى.  پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ يولدا ۋە مۇشۇ پىلاندا يېتىشتۈردى، نەتىجىنى تېز قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى، سەۋرچانلىق بىلەن، چىدامچانلىق بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلدى.  تۈرك تارىخلىرىدا «ئوسمانىيلار دۆلىتىنى تيودور ھېرسىل ۋە ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر يەھۇدىي يىقىتقان» دەپ يازىدۇ.  «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىممۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.  تيودور ھېرسىل بىلەن ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياشىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلماقچى بولغان يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالدى، ئاندىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى بۇ ئىككى يەھۇدىينىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرى قۇرۇپ چىقتى.  يەھۇدىي دۆلىتىگە ئاساس سالغان مەزكۇر ئىككى يەھۇدىي مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلىتىنى كۆرەلمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆردى ۋە ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.  مانا بۇ، بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىدە ئېزىلگەن بىر مىللەتنىڭ يېقىنقى زاماندا قولغا كەلتۈگەن غەلىبىسىدۇر.  غەلىبە ئەنە شۇنداق پىلانلىق ھالدا، ئىزچىل ئىشلەش، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىش، ئەۋلادلارنى شۇ يولدا يېتىشتۈرۈش، «قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرەلمىسەم قانداق بولىدۇ؟» دېمەي، «نەتىجىنى ئەۋلادىم كۆرسۇن، ئاشۇلار ھۆر، ئەركىن ياشىسۇن، مەن ئاشۇلارنىڭ پارلاق كېلىچىكى ئۈچۈن ئىشلەي» دەيدىغان ئىزگۈ نىيەت ۋە پىداكارلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ.