موسكۋادىكى ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

ئۆتكەن ئايدا روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئاپرىل بايانات ئىلان قىلىپ، ئادەتتىكى پاسپورتى بار تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تاجىكىستانغا ۋىزىسىز كىرىش ئىتىبار سىياستىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇ قارار 20-ئاپرىلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ، تاجىسكتان دائىرىلىرى بۇنى تۈركىيە تەرەپنىڭ قارارىغا قارشى چىقىرىلغان دەپ تەكىتلىگەن. 

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىلى 28-مارتتىكى مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭلىق بىلەن، تاجىكىستانغا بارماقچى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى چەتئەللەردىكى تاجىكىستان ئەلچخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن ۋىزا ئېلىشى كېرەك ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5-ئاپرىل ئىمزالانغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئادەتتىكى پاسپورتى بار تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەنى ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

تاجىكىستان پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتى 2018-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، تاجىكىستان پۇقرالىرى ۋىزىسىز ھالدا تۈركىيەدە 90 كۈنگىچە تۇرۇش ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. 

بۇ يىل مارتتا، موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كونسېرت سالونىدا يۈز بەرگەن بىر قوراللىق ھۇجۇمدا 140 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن تۆت نەپەر گۇماندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاجىكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 

2024-يىلى 21-ئاپرىل