شەرقىي تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن نۇرئەھمەت قۇربانغا تون كىيدۈردى

پىروفېسسور، دوكتۇر نۇرئەخمەت قۇربان پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا، 2024-يىلى 20-ئاپرىل، ئىستانبۇل. 
 
مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە ئوخشاش بولمىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە يېقىندا تەپسىر ئىلمىدە پىروفېسسورلۇققا ئېرىشكەن دوكتۇر نۇرئەخمەت قۇرباننى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 
 
ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 2024-يىلى 04-ئاينىڭ 20 – كۈنى شەنبە «ئىز قالدۇرغان ئۆلىمالارنى تونۇشتۇرۇش» پروگراممىسىنىڭ 3- قېتىملىقىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ئۆلىماسى، قۇرئاننى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتكەن.
 
پروگرامما ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن شەرئىي بىلىملەردە تەپسىر ساھەسىدە تۇنجى پروفېسسورلۇق ئۈنۋانى ئالغان چاناققالە 18- مارت ئۈنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى ئۇستاز نۇرئەھمەت قۇربانغا ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن تەقدىرنامە بېرىلگەن ۋە تون كىيگۈزۈلۈپ ئالاھىدە تەبرىكلەنگەن. 
 
437606952_832012925635407_2908085068400505310_n
 
بۇ پائالىيەتكە ھەر ساھەدىن 100 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، سورۇن ئەھلىمۇ ئۇستاز نۇرئەھمەت قۇرباننى قىزغىن ئالقىشلىغان ۋە ئالاھىدە تەبرىكلىگەن. 
 
2024-يىلى 21-ئاپرىل