ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مايك جونسون (Mike Johnson).

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللارلىق خەۋپسىزلىك ياردەم لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتاسى 20-ئاپرىل شەنبە كۈنى ماقۇللىغان 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم بولىقى ئۇكرائىنانىڭ 61 مىليارد دوللار ياردىمىدىن باشقا، يەنە ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللار، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى (تەيۋەن) نىڭ بىخەتەرلىكىگە 8 مىليارد دوللار ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

جەمئىي 95 مىليارد دوللارلىق خەۋپسىزلىك ياردىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تۈرلۈك لايىھە جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئاۋام پالاتاسىدا ئۇزۇن بىر مەزگىل توڭلىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن ماقۇللانغان. مەزكۇر ياردەم لايىھەسى كېلەر ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويىلىدىكەن. 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ياردەم لايىھەسىنى ئىمزالاشقا ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بايدىن: «ياردەم بولىقى ئىسرائىلىيە ۋە ئۇكرائىناغا ئىنتايىن مۇھىم ياردەم بولىدۇ. غەززە، سۇدان، ھايتى ۋە باشقا رايونلارنى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيمىز ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايمىز» دېگەن. 

ئۇكرائىنا رەھمەت ئېيتتى

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنغا قىلىنىدىغان 61 مىليارد دوللارلىق ياردەمنىڭ ئۈچتىن بىر قسىم قورال سېتىۋېلىش ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىنى قارشى ئېلىپ، بۇ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ «مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەن. 

روسىيە نارازى بولدى

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىئا زاخاروۋا ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى قارارى «دۇنيادىكى كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ يەنە، «كىيېۋ ھاكىمىيىتىگە ھەربىي ياردەم بېرىش تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىۋاسىتە قوللاش بولىدۇ» دېگەن. 

2024-يىلى 22-مارت