ھىندىستاندا بىر مىلياردقا يېقىن سايلىغۇچى قاتنىشىدىغان چوڭ سايلام باشلاندى

ھىندىستاندا باش مىنىستىر مودىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن نامزات بولغان ئومۇمىي سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا 21 شىتاتتا سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دېموكراتىك دۆلەت دەپ قارالغان ھىندىستاندا، سايلام بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، 19-ئاپرىل جۈمە كۈنى، ھىندىستاندىكى يۈز مىليونلىغان سايلىغۇچىلار ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان چوڭ سايلامغا بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان سايلامدا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ% 10 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان تەخمىنەن 970 مىليون سايلىغۇچى كەلگۈسى بەش يىلدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن تۆۋەن پالاتانىڭ 543 ئەزاسىنى سايلايدۇ.

رويتېرس ئاگنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى باشلانغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا، 21 شىتاتتىكى 102 سايلام رايونىدا 166 مىليون سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدىكەن. بۇ ھىندىستاننىڭ ئەڭ جۈنۇبىدىكى تامىل تىلىدا سۆزلىگۈچىلەر رايونىدىن باشلاپ شىمالدا ھىمالايا تاغلىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغىچە ئۆز ئىىچىگە ئالىدىكەن. 

ھىندىستان تۆۋەن پالاتاسىدا 543 ئورۇن بولۇپ، سايلامدا ئەگەر بىر پارتىيەدىن 272 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلانسا، باشقا پارتىيەلەر بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشقا ئىھتىياج قالماستىن مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرالايدۇ. 

2024-يىلى 22-ئاپرىل