ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەدە ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشكەن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەپسىلاتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولاز ئۆتكەن ھەپتە چوڭ بىر ھەيئەت بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. 
 
ئىككى كۈن ئىچىدە، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەدە ئارقا-ئارقىدىن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان بىر گۇماندارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ئاشقۇن ئوڭچىل پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
 
خەۋەر قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە 22-ئاپرىل ئۈچ نەپەر گۇماندار ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تېخنىكىلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 2022-يىلى ئىيۇندىن بۇيان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ بىرى ئەر، ئىككى نەپىرى ئايال ئىكەن.
 
ئەيىبلىگۈچىلەر گۇماندارلارنىڭ دۇسسېلدورفتا شىركەت باشقۇرىدىغان ھېرۋىگ F ۋە ئىنا F بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان خادىمىنىڭ ۋاكالەتچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان توماس ر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تەپتىش مەھكىمىسى باياناتىدا، بۇ ئەر-ئايالنىڭ ئۆز شىركىتى ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىزمەتچىلىرىگە ئۇرۇش پاراخوتى قاتارلىق دېڭىز-ئوكيان ماتورلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماشىنا زاپچاسلىرى ئۈستىدە تەتقىقات تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەيىبلىگۈچىلەر بۇ تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ گېرمانىيە دۆلەت ئىچى ئاخبارات ئورگىنى توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە، گېرمانىيە روسىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن روسىيە ۋە گېرمانىيە قوش پۇقرالىقى بولغان ئىككى كىشىنى قولغا ئالغان.

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فايسېر (Nancy Faeser) ھۆكۈمەتنىڭ سودا، سانائەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى «جۇڭگو جاسۇسلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر تەھدىد» نى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. فايسېر : «بىز بۇ خەتەر ۋە تەھدىدلەرنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىمىز ۋە كۆپچىلىكنى قوغداشقا ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق تونۇشنى ئۆستۈرىمىز» دېدى.

ئۇندىن باشقا، فايسېر بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان گېرمانىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىغا «ئالاھىدە سەزگۈر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئىشنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنلار ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە گېئوپلىتىك سىياسەتلىرىگە ئەندىشىسى بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەت تارتتى.
 
ئەنگىلىيەدە ئىككى جاسۇس
 
ئەنگىلىيە دائىرىلىرىمۇ 22-ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى، ئىككى نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسىغا قارىتىلغان دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى خىتاي ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈش ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 
 
ئىگىلىنىشىچە، 32 ياشلىق كرىستوفىر بېررى (Christopher Berry) ۋە سابىق پارلامېنت تەتقىقاتچىسى 29 ياشلىق كرىستوفىر كەش (Christopher Cash) خىتايغا ئۇچۇر تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن. تەپتىش مەھكىمىسى باياناتىدائۇلارنىڭ جۈمە كۈنى لوندوندا سوتقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
 
گېرمانىيەدە يەنە بىر جاسۇس
 
بىر كۈندىن كېيىن، 23-ئاپرىل گىرمانىيەدە يەنە بىر نەپەر جاسۇس قولغا ئېلىندى. تاراتقۇلاردا گو جيەن (Jian G.) دەپ ئاتالغان بۇ گۇماندار، خىتايغا ئۆكتچىلىق قىلغۇچىلارنى نازارەت قىلىش ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇچۇلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن. 
 
تاراتقۇلارنىڭ گېرمانىيە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھۆججىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىشى گېرمانىيە پۇقراسى بولۇپ، 2019-يىلدىن باشلاپ بىريۇسسېلدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيەلىك ئەزاسى ماكسىمىليان كراخ(Maximilian Krah)نىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ماكىسىملىيان كراخ 1977-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، گېرمانىيەلىك ئادۋوكات ۋە ئۆزىنى ئوڭ قانات سىياسەتچى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ 2019-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ( AfD) دەپ ئاتىلىدىغان ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ خادىمنى ئىشتىن بوشاتقانلىقى بىلدۈرلدى. 
 
خىتاينىڭ ئىنكاسى
 
خىتاي دائىرلىرى گېرمانىيەدىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى ئۆسەك سۆز دەپ ئاتىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتنىڭ مۇددىئاسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ۋە خىتاي-ياۋروپا ھەمكارلىق كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر» دېگەن. ئۇ يەنە گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى «سوغۇققان بولۇشقا» چاقىرغان. 
 
2024-يىلى 23-ئاپرىل