يېڭى دۇنيا تەسەۋۋۇرى

تاھىرجان ئابباس
 
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك قارا كۈنلىرىنى ياشاۋاتقان بولسا كېرەك! چۈنكى كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىپ كەتكەن تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى، ئىرقىي كەمسىتىش، يۇقۇملۇق كېسەل، ئىقتىسادىي مونۇپۇللۇق ۋە مال باھاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى، ئىنسانلار بۈگۈنكى دۇنيا نىزام تەرتىپىدىن تامامەن رازى ئەمەس. ھەممە ئادەم دورا يېگەن بىلىقتەك خامۇش، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمدەك ئەلەڭ – سەلەڭ ھالدا، ھاياتقا ئۆكۈنۈش ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ كەلمەكتە. ھەمدە ياشلار ئارىسىدا دىن دىيانەت، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئىنساب - ئادالەت قاتارلىق پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قەممەت قارىشىغا نەپرەت بىلەن قارايدىغان بىر زېھنىيەت بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، يېڭىلىق" دېگەندەك ئاتالمىش شوئارلار ئۇلارنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى كۈچلەر ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنى تەقدىم قىلىشتا تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن رول ئالدى. ئۇلار، قارا ماسكىلىق يۈزلىرىنى مەزكۇر ھەيۋەتلىك ئاتالمىش شوئارلار بىلەن پەدەزلەپ ئەلگە سۇندى. ھەمدە دېمۇكراتىيەلەشكەن يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاجايىپ كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيادا ئېزىلگەن ۋە بېسىلغان سىنىپلارنىڭ ئېڭىدا ئىسيانكارلىق ۋولقانى پاتلاتتى. نەتىجىدە ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب باھارى قوزغىلىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلغان بولسا، قانچىلىغان ئىسلام مەدەنىي مىراسلىرىمىز ۋەيران بولۇپ خارابىيلىققا ئايلاندى. بۇنىڭغا قانائەت قىلمىغان ئىمپېرئالىستلەر "ئىشد" نامىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوت يۈرەك مۇجاھىدلارنى شام زېمىنىغا چىللاپ، ئۆزئارا جىدەلگە سېلىپ، پۇخادىن چىققۇچە تاماشا قىلدى.
 
سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مالامانچىلىق ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى شۇ كۈندە، ھەممە ئادەم پەرىشان ۋە پاراكەندە، ھەممە ئادەم ئەنە شۇ سېھىرلىك يېڭى دۇنيا! ھەققەدە پىچىرلىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كۆزلىرى تۇمانلىشىپ، يۈرىكى ھاياجانغا تولغان ياشلار سۇ ئىزدەۋاتقان بىلىقتەك تېپىرلاپ، يول ئىزدەۋاتىدۇ. ھەمدە بارلىق ئىشىكتىن كىرىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ تېپىرلاشلىرى بارا - بارا ئۇلارنى پۈتۈن قىممەت قاراش ۋە مۇقەددىساتلىرىنى بىر- بىرلەپ سۈپۈرۈپ تاشلاشتەك خاھىش تەرەپكە بۇراپ كېتىۋاتىدۇ.
 
يېڭى دۇنيا تەرتىپ لايەھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بۇ كۈچلەر بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىناريوسىنى ئۆز مۇددىئاسىغا كۆرە ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى كۆرۈنۈشنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ "يەر شارى خاراكتېرلىك "كوۋىد 19" تىپلىپ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن، دۇنيا بويىچە ياشانغانلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى . گەرچە يېقىندا بۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا چوڭ ئىمپېرىئالىست دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار پىلانلىغان ئىككىنچى يۈز يىللىق يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، دۇنيا نوپۇسىنى تىزگىنلەپ ، ئىنسانلارنى ئېلېكتىرونلۇق مېڭە كونتۇرۇللىقىدا باشقۇرۇلىدىغان ۋە كىرىفتولاشقان ئىقتىسادىي كاپتال يارىتىپ، ئىنسانلارنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادنى بىر مەركىزى ئاپپاراتقا باغلاپ، كونتۇرۇللۇق باشقۇرۇش سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
 
بۇ خىل يېڭى دۇنيا پانتازىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئالدىنىپ كەتكەن ياشلار، ئىمپېرىئالىستلارنىڭ يېڭى دۇنيا نەزەرىيەسىگە قارىغۇلارچە چۇقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شېرىن خىيال چۈشلىرىدە يېڭى دۇنيا، يېڭى ئىدىيە، يېڭى سىستېم، يېڭى جىمئىيەت، يېڭى ئىدارە ۋە يېڭىچە سىياسەت – دەپ جۆيلەپ قوپۇپ كېتىدىغان ھالغا بېرىپ يەتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي دىنامىكىلىرىغا، دىنىي ئېتىقادىغا ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىغا يات، ئىسيانكار رومان، سىنارىيو ۋە نەشر ئەپكارلىرىنى تارقىتىپ تۇرىدىغان بىر خىل مەپكۇرىسىز ئىنسانلار كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ تۈر ئەپكارسىزلار ئاتا - ئەجدادىنىڭ مىڭ نەچچە يىللىق ئېتىقادى ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى بۇزۇپ، خاراب قىلىشقا قارار قىلغاندەك تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار شۇنىڭدىن غاپىللاردۇركى، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغىنى يا بىر ماشىنا، ياكى كىيىم – كېچەك ياكى بولمايدۇ ئۆيۋاق ئەمەس... ئەكسىچە ئون نەچچە ئەسىردىن بېرى مىللەتنىڭ جېنى بىلەن، قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پۈتۈنلىشىپ كەتكەن مەنە ۋە مەزمۇندىن ئىبارەت بىر پۈتۈن قىممەت قاراشتۇر.
 
ئەسلىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن غالىب چىققان ئىمپېرىئالىستلەر ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا خەرىتىسىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى غەرىزى ۋە مۇددىئاسىغا كۆرە شەكىللەندۈرۈپ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ چېگرا سىزىقلىرىنى ئېنىقسىز نىزا ۋە دە - تالاشقا تاشلاپ قويغان. ئۇلار بۇنى نۆۋىتى كەلگەندە ئۆز مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كوزىر قىلىپ ئىشلىتىپ كەلدى. شۇنىڭدەك، ئۆز ۋاقتىدا ئاپرىقا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تالان - تاراچ قىلىپ ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇملىرى بىلەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى پەش قىلىپ، دېڭىز قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نېپىت بايلىقى مول دۆلەتلەرگە تەھدىت قىلىپ، نېپىت تەقسىماتىنى شىرنىڭ ئۈلۈشى بويىچە تەقسىم قىلدى ۋە بۇ خۇسۇستا ئۆزلىرىگە كامىل چاكارلىق قىلمىغان ئىراق ۋە لىۋىيەگە ئوخشاش دۆلەت رەئىسلىرىنى ئۆز خەلقىگە تالىتىپ، بىرىنى دارغا ئاسقان بولسا يەنە بىرىنى ئازگالدا بوغۇپ نابۇت قىلدى. يەنە بەزىلىرىنى تۈرلۈك تەھدىتكار سىياسىي ئويۇنلىرى بىلەن قورقۇتۇپ، دۇنيانىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىنىڭ غەرب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سىياسىتىنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسى ئۈستىگە دەسسىتىپ كەلدى.
 
دېمەك، غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسىي ئىدىلوگىيىسى ئاساسەن مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلار مەنپەئەت چىقمىسا ياكى سىياسىي ئويۇنلىرىغا ۋە ئىدېلوگىيە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمىسە، ھېچ قانداق بىر مىللەت ۋە دۆلەتكە ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ. مەسىلەن، جەنۇبى سۇداننىڭ كۆپ سانلىق ئاھالىسى خىرىستىيان دىنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر نەچچە يىل قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، 2011 – يىلىغا كەلگەندە سۇداندىن ئايرىپ، ئۇلارغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بەردى. شۇنىڭدەك شەرقىي تېيمۇر خىرىستىيانلىرىغىمۇ ھىندىنوزىيەدىن ئايرىپ 2002 – يىلى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بەردى. ئەمما 1948 – يىلى ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىدە تېخىچە تىنچلىق ئورنىتىلمىدى، ئەكسىچە ھەر كۈنى تاجاۋۇزچى ئىسرائىل رەجمى نۇرغۇن بىگۇناھ پەلەستىن خەلقىنى شەھىد قىلدى ۋە ھازىرمۇ شەھىد قىلىۋاتىدۇ. ئۆيلىرىنى تارتىۋېلىپ يۇرت ماكانسىز قالدۇردى ۋە قالدۇرىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزلۇق ھەرىكىتىگە غەرب دۇنياسىدىن قۇرۇق نارازىلىقتىن باشقا بىر كەسكىن پوزىتسىيە بىلىدۈرۈلمىدى.
 
ئەسلىدە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە زوراۋانلىقى كۈنۈمىزدىكى مەدەنىي دۇنيادىمۇ تېخىچە توختاپ قالغىنى يوق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىديىۋىي تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەينىۋاقىتتىكى ئەھلى سەلب يۈرۈشىدىن تامامەن پەرقلىق ھالدا داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىدولوگىيىسىنى ھەربىي يۈرۈش بىلەن كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىنلىك دېگەندەك ئىنسانپەرۋەرلىك پەردىسى ئارقىسىدا، يۇمشاق ئۇسلۇب بىلەن كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىگە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە پاناھلىق بېرىپ، ئۆيۋاق ۋە ئىقتىسادىي راسخوتلار بىلەن تەمىنلەپ غەمخورلۇق قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سېخىلىقى تۇتۇپ قالغانلىقى، ياكى ئۇ خەلق ۋە مىللەتلەرگە ئىچ ئاغرىتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىدىلوگىيىسى ۋە سىياسىي پىرىنسىپىغا مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت قالتىس پىلان ۋە پروجىلىرىنىڭ كېرىكى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە پاناھلانغۇچىلارنى ئالدى بىلەن قارا تايانچ كۈچ قىلىپ ئىشلىتىدۇ، ئىككىنچى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان سىياسىي مەقسىتىگە خىزمەت قىلدۇرىدۇ، ئۈچىنچى قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلادلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ ئۆز مىللىتى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مىللىتىگە ئەگەشمىگىچە ئۇلار ھېچ قاچان باشقا مىللەتتىن رازى بولمايدۇ . ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي مەنىدە ئىنسانپەرۋەر بولغان بولسا ئىدى ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە ۋە مىسىر خەلقى قان يىغلىمىغان بولاتتى. بولۇپمۇ پەلەستىن قايناۋاتقان بىر قازان، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى بولسا پاتلاش ئالدىدا تۇرغان يالقۇن تاغ!
 
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئەخلاققا، پىرىنسىپقا قاراپ ھەرىكەت قىلمايدۇ. مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىتى ۋاقىت، شارائىت ۋە ماكانغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار سىياسەتتە خۇددى پەسلىلىك كىيىم ئالماشتۇرغاندەك، ياكى بىر دۇمىلاپلام تىرە تاشلايدىغان يىلاندەك يېڭى چىراي ۋە يېڭى كىملىكلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېتىغا ياقمايدىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنى دىكتاتۇرلۇق ياكى يولسۇزلۇقلار بىلەن ئەيىبلەپ خەلق بىلەن دۆلەت قاتلىمىدىكى رەھبەرلەر ئارىسىنى ئېچىپ، قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى دۆلەتلەردە تېررور ۋەقەلىرىنى قەستەن سادىر قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا زورۇقۇپ كىرىپ، تىنچلىق ئەلچىلىرىدەك قىياپەتتە تۇپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدۇ. ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك نىقابلىرى بىلەن ئەپسۇنكار تەلقىنلىرىنى ئوقۇپ، شەيتانىي ھەرىكەت ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقتا ۋاسىتىلىك ياكى ۋاستىسىز ئويۇن ئوينايدۇ.
 
ئەمەلىيەتتىمۇ غەرب دۇنياسى مىڭ يىلدىن بېرى شەرق دۇنياسىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى تەن ئالماي كەلدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ تەن ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت كۈچكە ۋە تەبىئىي تاللاشقا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات پەلسەپەسى ئەزەلدىن مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، كۈچى يەتكەن ھامان ئېزىدۇ، كۈچى يەتمىسە پۇرسەت كۈتىدۇ. ئۇلار ھاياتنى تەبىئىي كۈچ دەپ قارايدۇ، ئاجىزلارنى سېغىپ سۈتىنى ئىچىدىغان پاتىدەك كۆرىدۇ. رەھىمسىز ۋە قانخوردۇر. بۇنداق دېيىشىمدە، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شاھزادە "harry" يېقىندا تېخى ئۆزىنىڭ يېڭى نەشر قىلىنماقچى بولغان "Spare" (زاپاس) ناملىق كىتابىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا 25 ئافغاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھەمدە بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانمايدىغانلىقىنى يازغان. مانا بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ تەبىئىتى، ئەمەلىيەتتىمۇ غەرب ئەللىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدا 20 يىلدىن بېرى ئافغانىستان ۋە ئىراقتا قانچە مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولمىدى، قانچە مىليون ئىنساننىڭ يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا ئەللەردە مۇساپىر بولۇشقا سەۋەب بولمىدى؟ ئۇلار ماددىي مەنپەئەت ئالدىدا قىلچە تەرەددۇت قىلمايدۇ، مەنپەئەت ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلارنى ئوتقا تاشلاشتىن يانمايدۇ. ئۇلار ئىنتايىن زالىىم، تاجاۋۇزچى ۋە تامامەن پراگماتىستۇر.
 
مەنپەئەتچىلىك نەزەرىيەسى ئەسلىدە غەرب دۇنياسىدىلا ئەمەس كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىدە ئومۇمىيلىشىپ كەتكەن ئورتاق پىسخىكا بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ دۆلەتلەر مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئانا مەنپەئەتىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ئەمما بۇنى زۇلۇم، قان، ئادالەتسسىزلىك ۋە پۈتۈن ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋېلىش ئىنسانىي پەزىلەتتتىن چەتنەپ كەتكەن غەيرى ئەخلاق ناكەسلىكدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قارايدىغان بولساق بۈگۈنكى مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زېھنىيىتىمۇ ئوخشاشلا مەزكۇر سىستېمگە مېخلىنىپ كەتكەن. ئۇلار مەنپەئەت ئۈچۈنلا زۇلۇم كۆرگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئەمەس قارشىسىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. ھەتتا قان بېغى بىر بولغان قېرىنداشلارمۇ ئوخشاشلا "مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن!" دېگەن قاراشتا، "ئۆزۈڭنى بىل، غىتىڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ" دېگەن مەنتىق بويىچە، ئۆزىنىڭ مەزلۇم قېرىنداشلىرىنىڭ تەرىپىدە ئەمەس زالىمغا يانتاياق بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما زۇلۇمغا قارشى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق پىراگماتىك پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇش بىز ئۇيغۇر خەلقىنىلا ئەمەس پۈتۈن مەزلۇم مىللەتلەرنى ئازابلايدۇ ۋە چارىسىزلىك بىلەن قىينايدۇ.
 
ئۆتكەن ئەسىردىكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئۈستۈنلۈك توقۇنۇشى كاپىتالىزم لاگېرى بىلەن سوتسىيالىزم لاگېرى، يەنى ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر توقۇنۇشى ئىدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ توقۇنۇش 1991 – يىلغا كەلەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بىر مەھەل تەسكىن تاپقان بولدى. لېكىن 1999 - يىللىرىدىن باشلاپ رۇسىيە دۆلەت باش مىنىستىرى ۋە جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ كەلگەن ۋىلادىمىر پۇتىن، ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق لىدەرلىك ھاياتىدا رۇسىيەنى بۇرۇنقىدەك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىشقا كۈچەپ كەلدى. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا خىتاي رەجمىمۇ جىم ياتمىدى. 40 يىلدىن بېرى پۈتۈن ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىپ، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا ۋە ھەربىي ساھەدە كۆپ تەرەققىي قىلدى ۋە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادا ئىككىنچى تەڭداشسىز كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىقتى.
 
بۇ سەۋەبلىك كۈنىمىزدە غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش كۈرىشى كۈچىيىپ، "ئىككىنچى يۈز يىللىق يېڭى دۇنيا تەرتىپ" توقۇنۇشى قايتىدىن قوزغالدى. گەرچە خەلقئارا تەرتىپىنى تۇرغۇزۇش كۈرىشى ئوخشىمىغان قۇتۇپلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن «قۇرۇلۇش گۇرۇھى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا تەرتىپى ئىدىيەسى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ خىتايچە دېموكراتىيە ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تەشەببۇس ئالدىدا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي يۈزلىنىشىنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاپرىقا قاتارلىق جۇغراپىيەلەردىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى، ھەتتا رۇسىيە بىلەن ئوكرايىنە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئارىسىنى كىلىشتۈرۈشتەك بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەردە يادرولۇق رول ئېلىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنى بەلگىلەشتىكى رولىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 
غەرب دۇنياسى ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇۋۇسىنىڭ چۇلۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار خىتايغا قارشى بىۋاستا ئۇرۇش ئاچمايدۇ. ئەگەر ئۇرۇش سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۋۇسى چۇلۇپ كەتسە، دۇنيادا كۆچمەنلەر كرزىسى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ زور تالاپەتكە يولىقىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇرۇندىن تارتىپ خىتاينى تىنچ يول بىلەن پارچىلاش ياكى دېمۇكراتىلەشتۈرۈشكە كۈچەپ كەلگەن. لېكىن دۇنيا تىجارىتىنىڭ ئاز دېگەندە 40% تىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان خىتاي بۇنىڭغا بوي ئەگمەي تىركىشىپ كەلمەكتە، ھەتتا قوناق ۋە بۇغداي قاتارلىق ئاشلىق زاپىسىنى مونوپول قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىگەللىنىشچە خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە دۇنيا ئاشلىق زاپىسىنىڭ 50 % تتىن كۆپ قىسمىنى يېغىۋالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىدىن تېخىمۇ چۆچىگەن غەرب دۇنياسى، خىتاينى ئۆز ئىچىدىن پارچىلاپ ئۆزگەرتىش پىلانى بويىچە ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. ئۇلار بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن بىزگە ئوخشاش خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان، زۇلۇم كۆرۈپ، غەزەپ – نەپرىتى تاشقان مىللەت ۋە خەلقلەرنى قوللاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتىگە يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. گەرچە بۇ بىزگە نىسبەتەن يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە تەققاس قايتا تىرىلىشىمىزنىڭ بىشارەتچىسى، بولۇپمۇ تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم ئالتۇن تەخسىدە سۇنۇلغان ئالتۇن پۇرسەت. لېكىن شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى ئەگەر خىتاي ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئىمتىياز ئۈستۈنلىكىدىن ۋاز كېچىپ، غەربكە تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، غەرب يەنە بىزنىڭ گىپىمىزنى قىلامدۇ؟ ياكى بۇرۇنقىدەك تېررۇرىست ئېلان قىلىپ، خىتايغا ساتامدۇ؟ بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ!...
 
مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى 40-سان.
 
(ماقالىدىكى كۆز-قاراشلار ئاپتورغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)