ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئەكس سادالىرى

(بۈگۈن " زىمىستان" تورىدا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلمىسى )
 
كۆك بايراق، 2024-يىلى 2-ماي
 
ئەرەپ ۋەكىللەر شەرقى تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ غەرپ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىگە قايىللىقلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، رايوندىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئەكس سادالىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
 
ئۇچۇر 1 ، « يېرىمىزنى تارتىۋالدى، جېنىمىزنى قانداق باقىمىز؟ بۇ دۇنيادا ئادلەت يوقمۇ؟ بىزگە ئىگە چىقىدىغان بىرەر دۆلەت ، بىرەر تەشكىلات يوقمۇ؟!!»
 
دىققەتكە سازاۋەر كى بۇ سادالار، ئۇرۇش رايونى بولسىمۇ، پىكىر ئەركىنلىكى بار بولغان پەلەستىن ياكى ئۇكرائىنىيەدىن ئەمەس، ئاخبارات ئەركىنلىكى بوغۇلغان، مىڭلارچە كىشى « سەلبىي» ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن كېلىۋاتىدۇ.
 
بۇ ئايالغا بۇنچە چوڭ جاسارەت ، بۇنچە چوڭ تەۋەككۈلچىلىك نەدىن كەلگەن؟! ئايال شىكايىتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: « جېنىمىزدىن تويدۇق، ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولغاندىكىن بىزنى ئېتىپلاۋەتسە بولمامدۇ، قىرىپلاۋەتسە بولمامدۇ؟!! بۇنچە ئازاپ تارقاندىن ئۆلگىنىمىز راھەت ئەمەسمۇ؟!»
 
مەنچە بۇ جۈملىلەر، نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئەكس سادالىرىدۇر.
 
ئۇچۇر 2، بىر توپ كىشى پەمىدۇر كۈچىتى تارقىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئارقىسدىن يۈگىرەيدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئايرىپلانىغا ئەگىشىپ يۈگۈرەۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشىنى ئەسلىتىدۇ، ئەپسۇسكى ئافغانلارنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن خەۋپتىن قېچىشنى سىناش ئىمكانى بار، ئۇيغۇلار ئۈچۈن ئۇنى تەسەۋۇۇر قىلىشمۇ مۈمكىنسىز، چۈنكى ئۇلار تۆمۈر قەپەزنىڭ ئىچىدە.
 
ئۇچۇر 3، كۆرۈنۈشتە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئايال، دېمەك، ئائىلىدىكى ئەركەكلەر تۈرمە ۋە لاگىردا.
 
ئۇچۇر 4 ، سوغۇق ۋە بورانلىق ھاۋادا ئېتىز بېشىدا، گاھ ئۆمىلەپ ، گاھ يەردە يېتىپ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئاياللار ....
 
بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھىچ بىرى زىيارەتچىلەرگە كۆرسىتىلگىنى يوق. رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرۆپ ھاياجانلانغان بىر ئەرەپ ۋەكىل ، بۇ تەرەققىياتنى " خەلققە مايىل " تەرەققىيات دەپ ماختىدى. خوش، قايسى خەلققە؟ ئۇيغۇرغىمۇ ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ؟ ئەلۋەتتە خىتاي بۇنداق پەرقلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ " جوڭخۇا مىللىتى"دىن ئىبارەت بىرلا مىللەت بەرپا قىلىش بىلەن ئالدىراش. ئەمما ئۆزگەرمىگەن بىر رېئاللىق بار: ئۇيغۇر ۋە خىتايلار، تىلى، دىلى، دىنى، كېلىپ چىقىشى تۈپتىن پەرقلىق بولغان، ئۆزارا يۇغۇرۇلمايدىغان، قوچىسىمۇ قېنى قېتىلمايدىغان ئىككى ئايرىم مىللەتتۇر.
 
خىتاي بۇ رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن رايونغا مىڭلارچە زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلدى، كەزدۈردى، ئەمما ، ئۇلار كەتكەندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىجتىمائىي تاراتقۇ دېگەن بۇ بەڭۋاش قورال، خىتاينىڭ يوشۇرىۋاتقانلىرىنى پاش قىلدى. يۇقۇرقى ئۇچۇرلكاردىن زىيارەچىلەرگە بېرىلىۋاتقان سىگنال شۇ: سىلەر كۆرگەن ئۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان، ئۇسۇل ئويناۋاتقانلار ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى، بۇ جەمىيەتتە لاگىر ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان مىليونلارچە كىشى بار، ئۇلارنىڭ قورقساق غېمىدە ياشاۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى بار، ئۇنتۇلدۇرىلىۋاتقان بايراملىرى بار. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى راستىنلا بىلمەكچى بولساڭلار، ھالىمىزغا خىتاينىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئەمەس، ئىنسانى مەيداندا تۇرۇپ قاراڭلار، خىتاينىڭ قانىتى ئاستىدا كېلىپ ئەمەس، مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بولۇپ كېلىڭلار.....
 
ئەلۋەتتە بۇ ساداار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ؛ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىۋاتقان يەرئاستى يەر ئۈستى بايلىقلار، مونوپول قىلىۋېلىنغان تىجارىي پۇرسەتلەر قاتارلىق چوڭ ساھەلەردىكى سادا تېخى ئاڭلىنىشقا پۇرسەت تاپقىنى يوق.