ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ 2017- يىللىق دوكلاتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى 5- ئۆكتەبىر دۆلەت مەجلىسىگە 2017- يىللىق دوكلاتىنى تاپشۇردى. دوكلاتتا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇمىيۈزلۈك چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكى تەنقىد قىلىندى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارغا خېلى كۆپ يەردە ئورۇن بېرىلگەن، شۇنداقلا ئايرىم بىر بۆلىكىدە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان(دوكلاتتا «شىنجاڭ» دەپ ئېلىنغان) ھەققىدە توختالغان.

دوكلاتتا، خىتاي خەلقئارا تەرتىپتىن پايدىلىنىپ ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، سىياسىي ئىسلاھەت ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتەك كۆرۈنەرلىك بولمىدى. تۈرلۈك ئەمەلىيەتلەر ئىسپاتلىدىكى، خىتاي ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالمىغان بىر دۆلەت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇنۇتتى. بۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ۋە خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە پۇقرالارغا بېرىلگەن ئەقەللىي ھوقۇق ئىدى.

مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس(Rep. Chris Smith, R-NJ) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ۋە كەڭ دائىرىلىك كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا بىر قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك دىئاگنوز بولۇپ، كۆپ خىل ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي جەھەتتە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى كۈنسايىن يامانلاشتى، بولۇپمۇ دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان باستۇرۇش، ھەتتا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن دىنىي جەمئىيەتلەرمۇ باستۇرۇش نىشانىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يەر ئاستى چېركاۋلىرى، فالۇنگۇڭچىلار، ئۇيغۇرلار، تىبەت بۇددىستلار ۋە خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مىسلىسىز باستۇرۇشقا دۇچ كەلدى.»

دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا، خىتاي قانۇننى پۇقرالارنى باستۇرۇشتىكى ۋاستە قىلىشنى دۋاملاشتۇردى، جەمئىيەتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى، سۆز، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى داۋاملىق چەكلىدى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۈرمىگە قاماش، ھەتتا تۈرمىدە تەن جازاسى بېرىش ئىزچىل دۋاملاشتى.

«خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، بىز پەقەت خىتايدىكى باستۇرۇش سالمىقىنىڭ ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئامېرىكا باشچىلىقىدا، دۇنيادىكى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەر ھوقۇم بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقىرىشى لازىم.»

كومىتىتنىڭ يەنە بىر تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو(Sen. Marco Rubio, R-FL) دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپقا مەكتۇپ يازدى. مەكتۇپتا 2017- يىللىق دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا يەنە، 11- ئاينىڭ بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ترامپنى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەمدە خىتايدىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىگە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرى.

جەمئىي ئالتە قىسىم، 330 بەتتىن تۈزۈلگەن بۇ بۇ دوكلاتنىڭ تۆتىنچى قىسمىغا «شىنجاڭ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، 282- بەتتىن 298- بەتكىچە بولغان ئارىلىقتا مەخسۇس بۇ ھەقتە توختالغان. بۇ قىسىمدا، قولايلىق ساقچى پونكىتى، قەسەم بېرىش يىغىنلىرى، ئون ئائىلە تۈزۈمى ۋە د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنىڭ يىغىلىشى قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى؛ دىنىي ئەركىنلىك؛ قازاقلارنىڭ باستۇرۇلۇشى؛ خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتى؛ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ھاشار قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم توختىلىپ ئۆتۈلگەن.

سەلكىن تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن ۋە پىروفېسسور ئىلھام توختى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان سىياسىي مەھبۇسلار قاتارىدا تونۇشتۇرۇلدى.

 

دوكلاتنىڭ تولۇق مەزمۇنى:

http://turkistantimes.com/uploads/2017-10-07/2017AnnualReport.pdf