خىتاي «2018- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا ئارقىدىن ساناپ بەشىنجى بولدى

«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» 25- ئاپرىل چارشەنبە كۈنى «2018- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا باھالانغان 180 دۆلەت ئىچىدە، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى دەرىجىسى يەنىلا 176- ئورۇندا يەر ئالدى، يەنى ئارقىدىن ساناپ 5- بولدى.  
دوكلاتتا ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغان دۆلەتلەر تەرىپ بويىچە نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە ۋە شۋېتسارىيە؛ ئەڭ ئارقىغا تىزىلغان بەش دۆلەت بولسا خىتاي، سۈرىيە، تۈركمەنىستان، ئېرىتېرىيە ۋە شىمالىي كورىيە. ئامېرىكا بولسا ئىككى رەت چېكىنىپ 45- بولغان. تەيۋەن 42- ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىدە ئاسىيا بويىچە 1- بولغان.  
گەرچە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۆتكەن يىلقىغا ئوخشاشلا 176- بولغان بولسىمۇ، لېكىن باش شىتابى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان بۇ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي بارغانسېرى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدىكى ھاكىممۇتلەقلىققە يېقىنلاشماقتا. شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋىتىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى تېخنىكىلارنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ، ئاخباراتقا بولغان تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە 50 دىن ئارتۇق مۇخبىر خىتايدا قاماقتا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكتىن ھاياتى خەۋپى بار. چەتئەللىك مۇخبىرلار بولسا خىتايدىكى خىزمىتىنىڭ كۈنسايىن قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. ئاۋام پۇقرالارغا كەلسەك، پەقەت توردا دائىرىلەر ياقتۇرمايدىغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈنلار تۈرمىگە سولىنىش ئىھتىماللىقى بار.  
دوكلاتتا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىسى ليۇ شياۋبو بىلەن ئۆكتىچى بلوگ يازغۇچىسى ياڭ توڭيەن مىسالغا ئېلىنغان. بۇ ئىككەيلەن ئۆتكەن يىلى راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلار قاماقتىكى مەزگىلىدە داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەن.  
 
ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارشى «خىتاي ئەندىزىسى» 
بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، خىتاي يەنە چەتئەلگە ئۇچۇر تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە تور نازارەت ئۈسكىنىلىرى ئېكسپورت قىلىش باھەنىسىدە خەلقئارا ئۆزى تەسىر قىلالايدىغان «يېڭى دۇنيا مېدىيا تەرتىپى» قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. 175- بولغان ۋېيتنام ۋە 142- ئورۇندا يەر ئالغان كامبودژا خىتاينىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئىككى دۆلەت بولۇپ، تايلاند، مالايسىيا ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن بىلەن خوڭكوڭ ئۆز ئۇسۇلى بىلەن خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇپ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغان. ئۆتكەن يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ(70) ئۈچ رەت ئىلگىرىلىگەن.  

«2018- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتى(ئىنگىلىزچە):

https://rsf.org/en/rsf-index-2018-hatred-journalism-threatens-democracies