مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتىنىمىزدىكى لاگىرلار ئېچىلغاندىن بۇيان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى لاگىرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. مېنىڭ پائالىيەت شەكلىمنى كۈزىتىپ كەلگەن قېرىنداشلارغا نامەلۇم ئەمەسكى، مەن كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مەسىلىنىڭ سىياسىيلىشىش تەرىپىنى يورۇتۇشقا تىرىشىپ كەلدىم ۋە ھېچقاچان مەسىلىنىڭ ئاكتىۋىزىم تەرىپىدىكى نۇقتىلاردا پىكىر بايان قىلمىدىم. ئۇشبۇ يازمام مېنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى لاگىرلارنىڭ تاقىلىشىدا ئاكتىۋىزىمنىڭ ئوينايدىغان رولى توغۇرلۇق تۇنجى پىكىر بايان قىلىشىم بولۇپ قالغۇسى.
ئاكتىۋىزىم جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق سىياسىي نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستلىرىدىن بىرىدۇر. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەت شەكلى سۈپىتىدە ئاكتىۋىزىم خارەكتېرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. گەرچە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئىمزا توپلاش، ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق يېڭى تۈردىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما، مەۋجۇد نېگىزلىك كەمچىللىكلەر يەنىلا مەۋجۇدلىقىغا داۋام قىلىپ كەلدى. نىشانسىز، پىلانسىز ھالدا ئاچچىقنى چىقىرىۋېلىش ياكى خىتتاينى تىللىۋېلىش تۈرىدىكى نامايىشلار ئاكتىۋىزىم ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قالماقتا. ھەتتاكى، "سىلەر مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىڭلار، بىز لاگىر تاقايمىز" دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان شەخىسلەرنىمۇ كۆرگەن بولدۇق. لاگىرلارنىڭ تاقىلىشى بىلەن مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ بىر-بىرىگە زىت يېرىنى تاپالمىغان ئەقلىم، بۇ ئىپادىلەرنىڭ مەلۇم نۇقتىلارغا دوق قىلىپ ئېيتىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، لاگىر تاقاشنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىدىن مەنتىقىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى توختىماي سۆزلىگەن ئاكتىۋېست قېرىنداشلارنىڭمۇ لاگىرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن پىلانلىق، نىشانى ئېنىق بولغان، ئالدىن ھېساپلانغان ۋە ئاز ئىنىرگىيە بىلەن كۆپ نەتىجە ئالىدىغان بىر ئاكتىۋىزىم ھەرىكىتى باشلاتقانلىقىنى كۆرمىدى. ئۇنداقتا ئالدىن ھېساپلاش ۋە ئالدىن پىلانلاش، نەق توچكىغا تەككۈزۈش ئارقىلىق ئاز ئىنىرگىيە بىلەن كۆپ نەتىجە ئېلىش قانداق بولىدۇ؟
بىر شوئار بىلەن كوچىلارغا ھۇررا توۋلاپ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئالدىن ھېساپلاش ۋە ئانالىز قىلىش لازىم. بۇنىڭغا بىر ئۆرنەك سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلارنىڭ تاقىلىش مۇمكىنچىلىقى بولغان سىنارىيەلەرگە قاراپ باقايلى:
1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىتنىك قىرغىنچىلىقنى قۇبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئەۋەتىشى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دۇنيانىڭ مەلۇم يېرىدە ئىتنىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرگىنىدە، ئۇ يەرگە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. ئەمما، خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋىتو (رەت قىلىش) ھوقۇقى بولغان بەش دائىمى ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان خىتتاي مەزكۇر كېڭەش تەرىپىدىن ئېلىنىش ئېھتىمالى بولغان قارارلىرىنى توسۇپ قويالىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېھتىمالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەستۇر.
2. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب.د.ت نى ئارىلاشتۇرماي ئۆز ئالدىغا خىتتايغا ئىمبارگو قويۇش يولى بىلەن خىتتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلىشى
گەرچە بەزى لوبىيچىلىق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولغاندەك ۋە بەزى مەملىكەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىتنىك قىرغىنچىلىق ئېتراپ قىلىنغانلىق قارارلىرى ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مەزكۇر قارارلار نونبايدىڭ (قانۇندا مەجبۇر ئەمەس) تۈرىدىكى قارارلار بولۇپ، مەزكۇر مەملىكەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتتايغا قارشى قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن قانۇنىي مەجبۇرىيەت ياراتمىغان پەقەت مەنىۋى جەھەتتىكى ھېسداشلىق قارارلىرىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەپلىك غەرپ ھۆكۈمەتلىرى تېخى خىتتايغا قارشى دادىل قەدەم ئېلىپ مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ياكى لاگىرلارنى تاقىتىش نىيىتىگە كەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئېھتىماللىقنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ قىسقا ۋادىدە ناھايىتى تۆۋەندۇر.
3. خىتتاينىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ يۇمشىشى
بۇ سىنارىيە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتايغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتى داۋاملاشقان ئەھۋال ئاستىدا 2022. يىلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان خىتتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۆكتچىلەرنىڭ شىجىنپىڭنى ئورنىدىن چۈشۈرۈپ سىياسەتنى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سايلىمىدا بايدىننىڭ غەلبە قىلىشى ۋە خىتتايغا قارىتا تۇتىدىغان سىياسىتىنىڭ يۇمشايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىشى بىلەنلا كومۇنىست پارتىيە ئىچىدىكى شىجىنپىڭغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ پەسكويغا چۈشىشىگە سەۋەپ بولشى بىلەن بۇ ئېھتىماللىقنىڭ مۇمكىنچىلىقىمۇ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى دېسەك بولىدۇ.
4. چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىۋاتقان سۇ ئېقىشىنى كېسىش
بۈگۈن لاگىرلاردا بەش مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق قامالدى دەپ ھېساپلاپ، تۆۋەندىكى رەقەملەرگە قاراپ ئۆتەيلى:
1) ئەگەر ھەر بىر كىشىگە كۈندە بىر تالدىن خىتتاي مومىسى بېرىلىدۇ ۋە بىر مومىنىڭ تەييار بولىشىغا كېتىدىغان ئومۇمىي پۇل يىگىرمە تىيىن دېسەك:
5,000,000 x 365 x 0.2 = 365,000,000 Yuan
بىر يىللىق موما ئۈچۈنلا ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش مىليون يۈەن خىتتاي پۇلى كېتىدۇ.
2) ئەگەر توپلامدا 300 يەردە لاگىر بار دېسەك، ھەر بىرىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى سانى 40 ۋە ھەر بىر خىزمەتچى ئوتتۇرىچە ھېساپ بىلەن ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىدۇ دېسەك:
300 x 40 x 4000 x 12 = 576,000,000 Yuan
بىر يىللىق مائاش بەش يۈز يەتمىش ئالتە مىليون يۈەن خىتتاي پۇلى بولىدۇ.
3) يۇقارقىلار ئەڭ تۆۋەن چىقىملار بولۇپ، سېلىنغان قۇرۇلۇشلار، چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە ياسالغان يوللار، قاتناۋاتقان قاتناش قوراللىرى، توك كالتەك، كويزىدىن بەش مىليون ئادەمنىڭ كىيىمىگىچە.... لاگىرلانىڭ توك سۇ چىقىمى دېگەندەك چىقىملار بىلەن ھەر يىلى مىلياردلىغان دوللارلىق چىقىمى بولغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنداقتا، بەش مىليون ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىقتىسادىي ئايلىنىشتا ئوينايدىغان قىممىتىچۇ؟ ئەگەر ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ھېساپلاپ (ئايدا 1500 يۈەن) قارىساقمۇ، بىر كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئىستىمال بويىچە ئىقتىسادىي ئايلىنىشتا 50 يۈەنلىك قىممىتى بولىدۇ. دېمەك:
5,000,000 x 50 x 365 = 91,250,000,000 Yuan
بەش مىليون ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشتىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن ئاتالمىش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىدا يىللىق ئېچىلغان كاۋاك توقسەن بىر مىليارد ئىككى يۈز ئەللىك مىليون يۈەن خىتتاي پۇلى بولىدۇ.
4) بۇنىڭغا قوشۇلغان 900 مىڭ نارسىدە بالا قامالغان لاگىرلارنىڭ چىقىملىرى
يەنى، ۋەتىنىمىزدىكى لاگىرلار ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 110 – 120 مىليارد يۈەنلىك(20 مىليارد دوللارلىق) يىللىق ئىقتىسادىي زىيانغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. يەرلىكتىن مەركەزگە باج يىغىپ، مەركەزدىن يەرلىككە مەبلەغ كەلمەيدىغان سېستىمىدىكى خىتتاينىڭ دۆلەت قەرزى ئومۇمىي ج.د.پ سىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا مەزكۇر يۈكنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۇنچە ئاسان بولمايدۇ. ئۇنداقتا خىتتاي بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلدى؟
دۇنيانىڭ لاگىر ئېچىلغان يەرلىرىدە قانداق قىلغان بولسا شۇنى قىلدى. قۇل ئىشچى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاماق ھاياتىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادىي سېستىما ياراتتى. يەنى چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىۋاتقان سۇنىڭ مەنبىئى: يەھۇدىيلار لاگىرلارغا سولانغان يىللاردا ئوخشاش رولنى ئوينىغان غەرپ شىركەتلىرىدۇر. ئالتە مىليون يەھۇدىينىڭ بىلەكلىرىگە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتە مىليون نومۇر بېسىلغان بولۇپ، ئۇ دەۋىردە بۇنداق مۇرەككەپ ئىشنى ھەل قىلىدىغان تېخنولوگىيەنى تەمىنلىگەن گىتلىرنىڭ بىرەر شىركىتى بولماستىن، دەل ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر كومپىيوتېر شىركىتى بولغان ئاي ب ئەم ئىدى. بۈگۈنمۇ ئوخشاش ھادىسە تەكرارلانماقتا بولۇپ، غەرپ شىركەتلىرى يالغۇز خىتتاينى تېخنولوگىيە بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى، ئۆز تەمىنات زەنجىرىدە لاگىرلاردىكى قۇل ئىشچىلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، لاگىرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە داۋاملىشىشىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتىدۇر.
سۇنىڭ مەنبەئىنى تاپتۇق، ئەمدى ئۇنى قانداق كېسىمىز؟ غەرپ ئەللىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىز تاۋارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش چىقىمىنى تۆۋەن چۈشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلاردىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرگە ئېنىق ۋە كەسكىن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك. "ئەگەر سەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇللۇق لاگىرلىرى بىلەن ھەمكارلاشساڭ، مەن سېنى غەرپتە مال ساتقۇزمايمەن!" دېگەن سىگنالنى ئېنىق بېرىشى ۋە ھەرىكەتنى مۇشۇ نىشاندا ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئاۋۋال 10 – 15 مەملىكەتتە بىر قېتىمدا بىر شىركەتنى نىشانغا ئالغان شەكىلدە بايقۇت ھەرىكىتى باشلىشى ۋە تەدرىجىي خەلقئارالاشتۇرۇپ، ئەللىك مەملىكەتتە 200 شەھەردە مىڭ دۇككىنى ئالدىدا بايقۇت ھەرىكىتى شەكىللەندۈرىشى لازىم. غەرپ كاپىتالىستلىرىنىڭ گەپكە قۇلاق سالىدىغان ۋاقتى يانچۇقىنىڭ ئاستى تېشىلگەن ۋاقتىدۇر. ئۇ يانچۇق تېىشىلمىگۈچە، خىتتاي ئەلچىخانىسى ياكى چەتئەللىك سېناتورنىڭ ئىشخانىسىدا يىغلاپ ئولتۇرۇشقا داۋام قىلساقمۇ چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىۋاتقان سۇ مەنبەئى كېسىلمەيدۇ ۋە لاگىرلار تاقالمايدۇ.
"مۇستەقىللىق داۋاسىنى سىلەر قىلىڭلار، بىز لاگىر تاقايمىز" شوئارىنى توۋلاپ، خىتتاي ئەلچى خانىسىدىن تېشىپ، سوتسىيال مېدىئالاردا خىتتاي ماڭقۇرتلىرىغا دەر تۆكۈپ يىغلاشقا باشلىغان تەشكىلاتچىلارغا بىر ھېساپلاش، پىلانلاش ۋە ئەڭ ئاز ئىنىرگىيە بىلەن توچكىغا ئۇرۇپ كۆپ نەتىجە ئېلىش مىسالى سۈپىتىدە يېزىلدى.
2021- يىلى 5- مارت