1921-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرغان 3 سوۋېت جاسۇسى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
 
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن مەخپىي ئارخىپلىرى ئېچىلىپ، تارىخنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى يېشىلدى. تارىخچىلار رەسمىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئاخىرى 1917-يىلى 7-نويابىر كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، مەشھۇر ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە « ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدەندى. نەتىجىدە، رۇس تارىخچىلىرى لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ گېرمان جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، يەنى گېرمان ئىستىخباراتى بىلەن باغلانغانلىقى، گېرمانىيە رازۋېدكىسىنىڭ تەمىنلىگەن مەبلىغى بىلەن ھەرىكەت قوزغاپ، گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان، ئەنگلىيە باشلىق غەرب ئانتانتا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كېرىنسكىي ھۆكۈمىتى، يەنى رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققانلىقى ھەم ئاخىرىدا گېرمانلار بىلەن برىتىس لىتوۋسكىي كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
 
ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى خىتايدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سانسىزلىغان سىرلىرى، قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھېچكىم مەخپىي ئارخىپلارنى پاش قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچالمايدۇ. رۇسىيەدىمۇ بۇ ئىشلار پەقەت كومپارتىيە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ئەركىنلەشكەندىن كېيىنلا ئەمەلگە ئاشتى. بىراق، رۇسىيەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئۇنى قانداق قۇرغانلىقى ۋە قانداق كونترول قىلىپ پايدىلانغانلىقىغا ئائىت كۆپ ساندىكى مەخپىي ئارخىپلار سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلاپ، بىرقىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ئۆز تارىخىنى بايان قىلغاندا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنىلا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى يوشۇرغانىدى. پاكىتلار كۆرسەتتىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى كۆپ يىللار كونترول قىلىنىشى پۈتۈنلەي سوۋېت ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىستىخبارات، يەنى جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، جاسۇسلۇق تورلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى ۋە ئىجرا قىلىندى. قىسقىسى، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلىيەتتە لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت رۇسىيەسى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەم سوۋېت كوممۇنىست جاسۇسلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق قۇرۇلدى ھەم باشقۇرۇلدى.
 
مانا بۇ جەرياندا نەچچە ئونلىغان سوۋېت چېكا- گ پ ئۇ- ئو گ پ ئۇ - ن ك ۋ د خادىملىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە « رازۋېدچىكلىرى»، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتىشى بويىچە « رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى ۋەكىللىرى»، « كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋەكىللىرى»، ئەمەلىيەتتە بولسا «سوۋېت مەخپىي خادىملىرى»، يەنى «جاسۇسلىرى» خىتايدا مەخپىي خىزمەت قىلدى.
 
خىتاي كومپارتىيەسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ 100 يىللىقىنى تارىخىدىكى ئەڭ دەبدەبە ۋە داغدۇغا بىلەن خاتىرىلىمەكتە ھەم ئۆزىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن ۋە مۇساپىسىدىن ئەڭ يۇقىرى شەرەپ ھېس قىلماقتا شۇنىڭدەك 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «ئۇلۇغ جۇڭگو كومپارتىيەسى» نىڭ دۇنياغا كېلىپ، «جۇڭگو خەلقىگە پارلاق تەرەققىيات يولى» ئاچقان «مۇقەددەس كۈن» دەپ ئۇلۇغلىماقتا. ئۇنداقتا بۇ 100 يىللىق تارىخ قانداق تارىخ؟ قانداق مۇساپە؟ مەزكۇر 100 يىل ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ باشلىنىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ باشلىنىشنىڭ بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلمايدىغان يەنە بىر مۇھىم يۈزى، ئۇنىڭ رۇسىيەدىكى لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار، يەنى بولشېۋىكلەرنىڭ 1917-يىلى 7-نويابىر كۈنىدىكى «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»، يەنى قانۇنلۇق رۇسىيە جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدىغان «ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى» نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سوۋېت كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ «خىتايدىكى تۆرەلمىسى» دەپ قارالغانلىقى ئىدى.
 
خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئېچىپ، دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بېكىتكەن ئۆي، يەنى ھازىرقى خاتىرە سارىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرغان ئادەملەرنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى چەتئەللىكنىڭ سۈرىتىمۇ «1-قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى» سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان. بۇ ئىككى پاكىت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق تۆرەلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى. بۇلارنىڭ يېشى چوڭراق كۆرۈنۈشتىكىسى خىتايدا مارىڭ، يەنە بىرى نىكولسكي نامى بىلەن ئاتالغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال، ئېنىقراقى ئەسلى سوۋېت رۇسىيەسى جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى، يەنى «جاسۇسلىرى» دىن ئىبارەت ئىدى. پۈتۈن خىتايدىكى 7 مەخپىي كوممۇنىستىك گۇرۇپپىنىڭ 50 نەچچە نەپەر ئەزاسى، يەنى پۈتۈن خىتايدا بار-يوقى 50 نەچچە كوممۇنىستنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 12 ئادەم جاي-جايلاردىن شاڭخەيگە كېلىپ، ئەنە شۇ مارىڭ ۋە نىكولسكىينىڭ تەشكىللىشى، ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە شاڭخەيدىكى فىرانسىيە كونسېسسىيەسى تەۋەسىدىكى بىر قورۇدا يىغىن ئېچىپ، ئاخىرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى» قۇرۇلغانلىقىنى بېكىتتى. ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى ۋە سىياسىتى مەسىلىلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلتىيى ۋە كومپارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، مەزكۇر خىتاي كوممۇنىستلىرى باشتىن ئاخىرى پۈتۈنلەي موسكۋانىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئۇنىڭ تارمىقى ئاستىدا، ياچېيكىسى سۈپىتىدە قورچاق ھالدا مەۋجۇت بولدى. مارىڭ ۋە نىكولسكىي قاتارلىقلار، بولۇپمۇ مارىڭ يىغىنغا ئادەتتىكىدەك قاتناشقۇچى ئەمەس بەلكى ئۇنى تەشكىللىگۈچى، ئاچقۇچى شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرغۇچىلار ئىدى.
 
خىتايدا كوممۇنىستىك ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇشى، كومپارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرىدا رەسمىي خىتاي كومپارتىيەسى نامىدىكى بىر رەسمىي پارتىيەنىڭ دۇنياغا كېلىشى لېنىن رۇسىيەسىنىڭ 1918-1923-يىللىرى ئارىسىدا غەرب دۇنياسى، يەنى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش، بولشېۋىكلارغا قارشى رۇسىيە دېموكراتىك گۇرۇپپىلىرى، ئاقلار ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قوللاپ، ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق سوۋېت كوممۇنىستلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت قاتتىق قارشىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
 
سوۋېت رۇسىيەسى بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئىنقىلابى، دۇنيا كوممۇنىزم ھەرىكىتى قوزغاش، خىتاي، ھىندىستان ۋە باشقا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئىمپېرىئالىزمغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ئۇسۇلى قوللىنىش ئىستراتېگىيەسىنى تاللىغانىدى. ئەنە شۇ مەقسەتتە 1919-يىلى 3-ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي سۇن جوڭشەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسى بېيجىڭنى بازا قىلغان شىمالىي مىلىتارىستلاردىن ئايرىلىپ گۇاڭجۇنى بازا قىلغان. پۈتۈن خىتاي بولسا شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ قولىدا، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت ياپونىيە ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بىر رامكا ئاستىدا ئىدى. لېنىن رۇسىيەسى خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، غەرب كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يىراق شەرق ئارقىلىق ئۆزىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىش پىلانىنى تۈزدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە سۇن جوڭشەن بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتاينى ئىچكى جەھەتتە بىر-بىرىگە قارشى تۇرغۇزۇش چارىسى قوللاندى. ئەنە شۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى خىتايدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى. رۇسىيە تارىخچىسى، پروفېسسور ۋېكتور ئۇسوفنىڭ «20-يىللاردىكى خىتايدىكى سوۋېت رازۋېدكىسى» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوۋېت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى 1920-يىللاردىن باشلاپ، شاڭخەي، تيەنجىن، بېيجىڭ، خاربىن قاتارلىق جايلاردا ئۆزىنىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى بار ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ۋويتىنسكىي باشچىلىقىدىكى خىتايدا كومپارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىدى. ۋويتىنسكىينىڭ تولۇق ئىسمى گرىگورىىي نائۇموۋىچ ۋويتىنسكىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى فامىلىسى زارخىن ئىدى. ئۇ، نېۋېل شەھىرىدىكى رۇسىيە يەھۇدىيسى ئائىلىسىدە 1893-يىلى تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئامېرىكاغا كۆچۈپ كېتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ۋە رۇسىيەگە قايتىپ كەلگەن، 1918-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولغان. يىراق شەرق ۋە سىبىرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. ئۇ، 1920-يىلى 4-ئايدا رۇسىيە بولشېۋىكلىرى پارتىيەسى يىراق شەرق بيۇروسى ۋلادىۋوستوك شۆبىسى چەتئەل بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بىر گۇرۇپپا كىشىنى باشلاپ ئالدى بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى لى داجاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، بېيجىڭدا كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ھەم لى داجاۋ ئارقىلىق شۇنداق گۇرۇپپىنى قۇرۇپ چىققان، ئارقىدىن ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ، چېن دۇشيۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە 7-ئايدا شاڭخەيدە كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇپپىسى، يەنى «ئىنقىلابىي ھەرىكەت بيۇروسى »نى، ئارقىدىن 8-ئايدا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋويتىنسكىينىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىدى. ئارقىدىن ئۇ شاڭخەيدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىراق شەرق بيۇروسىنى قۇردى. رۇسىيە ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى مەبلەغ جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋويتىنسكىي تەمىنلىگەن بولۇپ، خوڭكوڭ تارىخچىسى پېي يىرەننىڭ رۇس مەنبەلىرى بويىچە كۆرسىتىشىچە، شۇ قېتىم ۋويتىنسكىي ئۆزى بىلەن 2000 دوللار مەبلەغ ئېلىپ بارغان.
 
سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزى كەمبەغەل بولۇشىغا قارىماي يىراق شەرقتە، جۈملىدىن خىتايدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، كومپارتىيە قۇرۇش ۋە باشقىلار ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان. رۇسىيە تارىخچىسى ۋىكتور ئۇسوفنىڭ « 20-يىللاردىكى خىتايدىكى سوۋېت رازۋېدكىسى» ناملىق مەخپىي ئارخىپلار ئاساسىدا يازغان كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1919-يىلى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى لېۋ كاراخان ( ئەرمەن مىللىتىدىن) خىتاي قاتارلىق شەرقتە ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن لېنىندىن 200 مىڭ رۇبلىي ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە زور بىقىسىم مەبلەغلەر ئايرىپ بېرىلگەن. بۇلار ئىچىگە ئەنە شۇ كوممۇنىستىك ھەرىكەت قوزغاش، كومپارتىيە قۇرۇش، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە باشقىلارمۇ كىرەتتى.
 
خىتاي كومپارتىيەسىىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ۋويتىنسكىي تاكى 1927-يىلىغىچە خىتايغا 6 قېتىم كېلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال يىراق شەرق بيۇروسىنىڭ رەئىسى دېگەندەك ناملاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-4 قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى تەشكىللەش ئىشلىرىدا بولدى. ئۇ، 1927-يىلىدىن كېيىن خىتايشۇناس سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى ۋە 1930-يىللاردا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، 1953-يىلى كېسەل كارىۋىتىدا خاتا «ئوپېراتسىيە» سەۋەبىدىن ئۆلدى. رۇسىيەنىڭ « چېكىست.رۇ» ( جاسۇس، ئىستىخباراتچى) ناملىق تەتقىقات -ئانالىز ئۆرنىنىڭ تور پروگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋويتىنسكىي ناھايىتى پىشقان كەسپىي «رازۋېدچىك»، يەنى جاسۇس بولۇپ، ئۇ لى داجاۋ بىلەن كۆرۇشۇپ خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇش ئۈچۈن پويىزدا بېيجىڭغا كېلىش سەپىرىدە ساقچىلارنى ئالداپ قۇتۇلغان ھەتتا كۆپ ساندىكى ھۆججەت قەغەزلىرىنى يۇتۇۋەتكەنىكەن ھەم ئاخىرىدا قۇتۇلۇپ چىققانىدى.
 
ۋويتىنسكىي ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، 1921-يىلى 1-ئايدا ۋەتىنىگە كېتىپ، 6-ئايدا ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىدىن تېگى گوللاندىيەلىك كوممۇنىست مارىڭ ۋە رۇسيەلىك يەھۇدىي كوممۇنىست نىكولسكىي شاڭخەيگە مەخسۇس خىتاي كومپارتىيەسىنى رەسمىي قۇرۇشقا مەلۇم مەبلەغ بىلەن كەلدى. بۇلار قارىماققا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن ئەۋەتىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار لېنىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. مارىڭنىڭ ئەسلى ئىسمى خېنك سنېۋلېت ئىدى.
 
رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە تارىخچى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن نىكولسىكىينىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە ئىزدەنگەن بوتاجاپ رادنايېفنىڭ تەكشۈرۈشىچە، نىكولسكىي ئۇنىڭ خىتايدا قوللانغان مەخپىي ئىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ۋلادىمىر ئابراموۋىچ نېيمان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بېرگ، ۋاسىلىي دېگەندەك بىر قانچە ئىسىملىرى بار ئىدى. نېيمان رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارگۇزۇن رايونى، چىتكان كەنتىدە كەمبەغەل يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇ جايدىكى يەھۇدىيلار ەسلى پولشادىن كەلگەنلەر ئىدى.
 
نىكولسكىي، يەنى نېيمان، 1919-1920-يىللىرى قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان ۋە باشتىكى سوۋېت رۇسىيەسى بىخەتەرلىك ئورگىنى- ۋ چ ك( پۈتۈن رۇسيە ئەكسيەتچىلەرگە زەربە بېرىش پەۋقۇللاددا كومىتېتى)، كېينكى دۆلەتلىك سىياسىي باشقارمىسى ( گ پ ۇ )نىڭ ئىستىخبارات خادىمى، قىزىل ئارمىيە 5-كورپۇسى شتابىنىڭ رازۋېدكا خادىمى، مانجۇرىيە ۋە خەيلاردا تۇرۇشلۇق ئىستىخبارات، يەنى جاسۇسلۇق خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان كەسپىي ئىستىخبارات خادىمى ئىدى.
 
نىكولسكىي، يەنى نېيمان 1922-يىلىغىچە خىتايدا تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن داۋاملىق بىخەتەرلىك ساھەسىدە، ياپونىيەنىڭ مانجۇرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىگە قارشى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بويىچە ئىشلىدى. ئەمما نېيمان، 1938-يىلى ستالىننىڭ چوڭ تازىلىشىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن» ياپونىيەنىڭ جاسۇسى« دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
تېگى گوللاندىيەلىك كوممۇنىست مارىڭ كۆپ يىللار ھىندونېزىيەدە ھەرىكەت قىلغان. ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسىيەگە كېلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا ئىشلىگەن. ئۇ لېنىن ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مەخپىي خادىمى سۈپىتىدە خىتايدا كومپارتىيەنى قۇرۇشقا ھەمدە سۇن جوڭشەن بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەسئۇل بولغانىدى. ئۇ، كومپارتىيەنى قۇرۇپ بولۇپ، 1922-يىلى شاڭخەيدە سۇڭ جوڭشەن بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ سۇن جوڭشەننى قوللاپ، شىمالىي مىلىتارىستلارنى يوقىتىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش نىيىتىنى بىلدۈرگەن. ئەنە شۇ مارىڭنىڭ ھەرىكىتى بىلەن موسكۋا سۇن جوڭشەن بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى ۋە ئاخىرىدا گۇاڭجو ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، شىمالدىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي خىتاينى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. مارىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى گومىنداڭ پارتىيەسىگە قوشۇۋېتىش تەرەپدارى بولۇپ ئۇنىڭ موسكۋانى قايىل قىلىشى بىلەن ئاجىز خىتاي كومپارتىيەسى گومىنداڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەنىدى. لېكىن بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى ھەم 1924-يىلى موسكۋا ئۇنى خىتايدىن چاقىرتىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىغا ۋويتىنسكىينى تىكلىدى.
 
مارىڭ ، يەنى ،1883_يىلى تۇغۇلغان خېنك سنېۋلېت ستالىن لېنىننىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تروتسكىينى چەتكە قېقىشقا باشلاش نەتىجىسىدە، 1924-1925-يىلى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن گوللاندىيەگە كېتىپ، كوممۇنىزم ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى، 1927-يىلىدىن باشلاپ تروتسكىي ئىدىيەسى تەرەپدارى سۈپىتىدە تروتسكىي بىلەن بىر سەپتە ستالىنغا قارشى تۇردى. 1930-يىللاردا كومپارتىيەدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ناتسىسىزم، فاشىزىم ھەم ستالىنزمنىڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلاندى. مارىڭ، يەنى خېنك سنېۋلېت گېرمانلارغا قارشى كۈرەشكەنلىكى ئۈچۈن 1942-يىلى گىتلېر گېرمانىيەسى تەرىپىدىن 58 يېشىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
 
مارىڭ ۋە نىكولسكىي 1921‏-يىلى 7-ايدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇش قۇرۇلتاىينىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى موسكۋادىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ يول خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەر موسكۋا تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى.
 
ماۋ زېدوڭ باشلىق 12 نەپەر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلى يوق ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىي قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز جايلىرىدىن شاڭخەيگە كەلگىدەك پۇللىرىمۇ يوق ئىدى. مارىڭ ۋە نىكولسكىي ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىقىملىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، يەنى قايتىش پۇلىنى يىغىندىن كېيىن قولىغا بەرگەن. ئەشۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەسلىملىرىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئىككى موسكۋا كوممۇنىست « جاسۇسى» تۇنجى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەربىرىگە جەمىئىي 150-200 تەڭگە خىراجەت بەرگەن بولۇپ، دېمەك رۇسىيە كوممۇنىستلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 1500 تەڭگە ئەتراپىدا مەبلەغ سالغانىدى.
 
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى، يەنى قۇرۇلۇش يىغىنى 1921-يىلى 23-ىئىيۇل باشلىنىپ 30-ئىيۇلغا كەلگەندە يوچۇن كىشىنىڭ گۇمان قوزغىشى بىلەن مارىڭ يىغىننى دەرھال توختىتىپ ھەممەيلەننى تارقىتىۋەتكەن ھەم ئاخىرقى يىغىن جېجاڭدىكى بىر كۆلدە كېمە ئۈستىدە ئېچىلىپ خۇلاسە چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، چېن دۇشيۇ تۇنجى سېكرېتار بولدى. خىتاي كومپارتيەسى شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق موسكۋانىڭ مەبلىغى، بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. مانا بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇگۇنكى 100 يىللىق «غەلىبىسى»نىڭ باشلىنىشى ئىدى.
205444156_1202501403545652_6146340088419920879_n
207302255_1202501496878976_3909791435574720965_n