نەسىھەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى!

 
بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىڭغا توغرا يولنى تەۋسىيە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما كۆپ ھاللاردا بەزى كىشىلەر نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىنى بىلمىگەنلىكتىن، توغرا بولمىغان جايدا ۋە توغرا بولمىغان ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەي ئىشنى بۇزۇپ قويىدۇ. بۇ خۇددى «چاپىقىنى تازىلايمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەندەكلا ئىش. قۇرئان ۋە سۈننەت بىزگە نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەخلاق-پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەتكەن. ئەپسۇسكى، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ توپلاردا ئۆزىنىڭ بىر سەپتىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتىپ تۇرۇپ تەنىلىك نەسىھەتلەرنى ياغدۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك. سىز بۇنداق قىلىشتىن نېمە پايدا تاپىسىز؟ ياكى سىز بۇنى رىيا ئۈچۈن قىلامسىز؟ سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر قېرىندىشىڭىزنىڭ كۆڭلىدىن يىراقلىشىپ قالغان بولىسىز. بۇ قازىنىشمۇ ياكى يوقىتىشمۇ؟ قازىنىمەن دەپ تۇرۇپ يوقىتىپ قويۇش زىيان تارتقانلىق ئەمەسمۇ؟
 
ئەزىز قېرىنداشلار! بىز ئاۋۋال كۆڭلىمىزنى كەڭ تۇتايلى، ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا پىكىردىكى ئوخشىماسلىقنى ياكى دىنىي مەسىلەردىكى ئىختىلاپلارنى ئىسلامنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان كەڭچىلىكى ۋە رەھمىتى دەپ بىلەيلى. بىز بىلەن بىر پىكىردە بولمىدى دەپلا، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى باشقا تائىپىلەرگە مەنسۇپ قىلىۋېتىشتىن ۋە ئۇلارنى يامان كۆرۈشتىن ساقلىنايلى بۇ تولىمۇ سەۋىيەسىزلىكتۇر، ئاڭسىزلىقتۇر ۋە ئىنساپسىزلىقتۇر. دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ ھەرگىزمۇ بىزنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم. ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار ۋە پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما ھېچبىر ئۆلىمانىڭ يەنە بىر ئۆلىمانى دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ سەۋەبلىك يامان كۆرگەنلىكىنى ياكى سۆككەنلىكىنى بىلمەيمىز. چۈنكى ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ تۇرۇپ بىر-بىرىنى سۆيەتتى، تارتىشىپ تۇرۇپ بىر-بىرىگە يول قوياتتى.
شۇڭا، ئەگەر بىز سەمىمىي بولۇپ، بىرەر قېرىندىشىمىزغا نەسىھەت قىلماقچى ياكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا تۈزىتىش بەرمەكچى بولساق، نەسىھەتنى چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىگە شەخسىي قىلايلى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا، ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە، ئارىمىزدا بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان يوغان بىر ھاڭنىڭ پەيدا نولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىمىز. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز نەسىھەت قىلىپ نېمە پايدا تاپقان بولىمىز؟ شۇڭا بىر سەپتىكى قېرىنداشلار ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى، مۇھەببەتنى ۋە ئىخلاسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىر- بىرىمىز ھەققىدە قىلغان گەپ- سۆزىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ نىيىتىنى ئوقۇماسلىقىمىز (يەنى نىيىتىگە ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز)، بىر-بىرىمىز ھەققىدە كېيىن پۇشايمانغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
 
1. نەسىھەتنى شەخسنىڭ ئۆزىگە قىلىش
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومۇمغا قارىتىلغان نەسىھەتنى ئومۇمغا قىلاتتى، بىرەر شەخسكە نەسىھەت قىلماقچى بولسا، ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايرىم قىلاتتى. مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقىدۇر.
 
ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «بىراۋغا مەخپىي ھالدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنى سۆككەن ۋە ئۇنى چۈشۈرگەن بولىدۇ». ئەللامە فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى يۆگەيدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ، گۇناھكار ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ ۋە ئەيىب ئىزدەيدۇ».
 
2. نەسىھەتنى تولۇپ تاشقان كۆيۈمچانلىق بىلەن قىلىش
 
كىشىلەرگە مېھىر _ شەپقەتلىك بولۇش ۋە ئۇلارغا تولۇپ تاشقان مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋەز _ نەسىھەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ياخشىلارنىڭ ئادىتىدۇر.
 
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزگەن كاپىر قەۋمگىمۇ «ئى قەۋمىم!» دەپ ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن خىتاب قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالا بىزگە تەلىم بېرىپ: رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز _ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن دەپ بۇيرۇغان. بىراۋنى تەنقىتلەپ تۇرۇپ ئۇنى ياخشى ئىشقا دەۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھېچقانداق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدا يوق ئىشتۇر.
 
3. نەسىھەتنى مۇناسىپ پەيتتە قىلىش
 
نەسىھەت قىلغۇچى نەسىھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇناسىپ پەيتنى تاللىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، نەسىھەت پايدىسىز قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللايتتى ۋە شۇنداق ۋاقىتتا نەسىھەت قىلاتتى.
 
ئەپسۇسلىنايلى ئەھۋال:
 
ئۆتكەندە ئۆلىما قېرىنداشلىرىمدىن بىرى «ئۆلىمالار مۇنبىرى»گە ئەۋەتىلگەن بىر ئاۋازغا رەددىيە بەرمەكچى بولۇپ ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقىغا ياراشمايدىغان بىر يازمىنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ياقامنى چىشلەپ قالدىم. ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇنداقلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئېشەك تەپسۇن! .... (جائىز) پەتىۋانى خاتا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ باشقىلارغا تاماشا قىلىپ بېرىۋاتقان ئەھلى ئىلىملەرگە ئاللاھ ھېكمەت، ئىلىم ئاتا قىلسۇن....». بۇ رەددىيەدە «كۆڭلىگە ئېشەك تەپسۇن!» دېگەن سۆز بىر ئۆلىمانىڭ ئاغزىدىن چىقماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى بولغان بىر كىشىنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس. ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر سەپتىكى ئۆلىما قېرىنداشلىرىغا رەستىدە يەنى توپتا ھېكمەت ۋە ئىلىم ئۆگەتمەكچى بولۇشنىڭ ئۆزى ھېكمەتلىك ئىش ئەمەس. دېمەك، ھېكمەت ئۆگىتىمەن دەپ تۇرۇپ ئۆزى ھېكمەتسىزلىك قىلغان.
 
ئەگەر سىز نەسىھەت قىلىشتا سەمىمىي بولسىڭىز ئاشۇ ئۆلىما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ ئۆزىگە نەسىھەت قىلسىڭىز، ئۇ كىشى سىزدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كېتىدۇ ۋە دوستلىقىڭلار كۈچلىنىپ ئەبەدىي بولۇپ كېتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز شەكلىك بولۇپ قالىدۇ ۋە كىشىلەر سىزنى ئۆزىنى نەسىھەت قىلغۇچى، ھېكمەت ئۆگەتكۈچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورۇنغان بىر رىياكار ئىكەن دەپ قالىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى ئاللاھ تائالا راۋا كۆرمەيدۇ.
 
تەجرىبەم
 
مەن كۆپ قېتىم توپلاردىكى بەزى يازما ۋە ئاۋازلارغا تۈزىتىش بەرمەكچى بولغىنىمدا، ئاشۇ يازما ۋە ئاۋازنىڭ ئىگىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالا قىلاشتىم، ھەتتا بىر قانچە كۈن ۋاقىت كەتسىمۇ ئۆزىنى تاپتىم ۋە پىكىرىمنى ئۆزىگە يەتكۈزدۈم، نەتىجىدە ئۇ بەك خۇش بولدى ۋە دەرھال تۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بەزىسى مەقسىتىنى ماڭا چۈشەندۈردى، مەن خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ قايىل بولدۇم. شۇ سەۋەب بىلەن ئارىمىزدا شۇنداق كۈچلۈك باغلىنىش، سەمىمىيەت ۋە دوستلۇق بەرپا بولدىكى، بىز ئۇنىڭ بەرىكىنى ھازىرمۇ ياشاپ كېلىۋاتىمىز. مۇشۇنداق مەخپىي نەسىھەت ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ۋە مۇھەببىتىنى قازاندىم ۋە دوستلىرىم كۆپەيدى.
 
مېنىڭ يازمىلىرىمغا قارىتا ئۆز پىكىرىنى بىلدۈرمەكچى ياكى رەددىيە ۋە ياكى تۈزىتىش بەرمەكچى بولغان قېرىنداشلارمۇ مەن بىلەن ئالاقە قۇردى. شۇنىڭ بىلەن خاتا كەتكەن يەرلىرىمنى تۈزىتىۋالدىم. بۇ مەن ئۈچۈن بەك ياخشى بولدى. بەزىدە خاتا چۈشىنىلىپ قالغان تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ قايىل قىلدىم. بۇنداق قىلىش ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىباھا دوستلىشىشى پۇرسىتى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بەزى يازمىلىرىمنى نەشر قىلىشتىن بۇرۇن ئاشۇ سەمىمىي دوستلارغا ئەۋەتىپ پىكىرىنى ئالدىغان بولدۇم.
 
دېمەك، مەن بۇ گۈزەل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ پايدا ئالدىم.
 
بىز نېمىشقا مۇشۇنداق قىلمايمىز؟ ياكى پالانىغا نەسىھەت قىلغانلىقىمىزنى خەلقى ئالەمنىڭ بىلىشى شەرتمۇ؟
 
2021-يىلى 27- ئاۋغۇست