لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا سۇنۇلغان ئىلتىماس ھەققىدە ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا مەزكۇر كومىتېتقا ۋە مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئورگانلىرىغا سۇنۇلغان ئىلتىماس ۋە قانۇنىي باسقۇچلار ھەققىدە ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت مۇشۇ ئايدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە بېرىپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 

مىشېل باچېلېت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان ئۆمەكنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتىكى ئەندىشە ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىردەك ھالدا بۇ زىيارەتنىڭ چەكلىمىسىز ۋە تەرەپسىز بولۇشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا زىيارەتنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن چەتنەپ خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاستە بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھايات شاھىتلىرى ۋە باشقا خىتاينىڭ زىيانكەشلىگە بىۋاستە ئۇچرىغانلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ۋە خىتاي زىيارىتىگە قاتنىشىش تەلەپلىرى جاۋاپسىز قالدى. 

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئورگانلىرىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە ئەرز سۇنغان. 10-ماي سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ۋە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ب د ت غا سۇنۇلغان تەلەپلەر ۋە قانۇنىي باسقۇچلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ۋە ئادۋوكاتلاردىن باشقا يەنە، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ قاتناشتى. يىغىنغا بەزى يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى. 

204510

204511

fszalxax0aeli6b

2022-يىلى 10-ماي، ئىستانبۇل