بەخت_ سائادەت دېگەن نېمە؟

بەخت_ سائادەت دېگەن نېمە دېگەن سوئال پەلسەپىدىكى ئەڭ قەدىمىي كىلاسسىك سوئاللاردىن بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭغا قانائەتلىك جاۋاب تېپىلمىغان. پەيلاسوپلار دەسلەپتە ياشاشنىڭ غايىسى بەخت_ سائادەتكە ئېرىشىشتۇر، دەپ قارىغان. ئاندىن ئۇلار شۇ بەخت_ سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان. ئەپلاتوندىن ئىلگىرىكى يۇنانلىق پەيلاسوپلار بەخت_ سائادەت دېگەن ئوتتۇراھاللىق ۋە تەن ساقلىقى بولۇپ، ئۇنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى تەركىدۇنيالىقتۇر، دەپ قارىغان. ئون تۆتىنچى ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپلار بەخت_ سائادەت دېگەن ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىر ئارمان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتى يوقتۇر، دەپ قارىغان.
 
ئون سەككىزىنچى ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپلاردىن ئىمانوۋېل كانت ئىنسان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەركىن، ئازادە ئادا قىلالىسا، شۇ چاغدىلا ئۇ بەخت_ سائادەتنى ھېس قىلالايدۇ، دەپ قارىغان.
 
تولىستوي: «بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەخت_ سائادەت يېنىمىزدا تۇرسىمۇ، خۇددى كۆزىمىزدە تۇرغان كۆز ئەينەكنى ئىزدىگەندەك ئۇنى ئىزدەپ يۈرىمىز» دېگەن ئىكەن.
 
ئۆلىمالار بەخت_ سائادەتنى تۆۋەندىكىدەك تەرىپلەيدۇ:
 
_ بەخت _ سائادەت ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشتىن ياكى بىراۋ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قىلىپ قويغان ئىشىدىن ھاسىل بولىدىغان خوشاللىق تۇيغۇسىدۇر.
 
_ بەخت _ سائادەت كۆڭۈلنى خوشال قىلىدىغان، دىلنى ئارام تاپقۇزىدىغان، يۈرەكنى ياشارتىدىغان نەرسىدۇر.
 
_ بەخت _ سائادەت ھەممىگە رازى بولۇشتۇر، ئۇ ئىمان بىلەن تولغان قەلبتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.
 
_ بەخت _ سائادەت ھۇزۇر_ ھالاۋەت ھېس قىلىش ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكىدۇر.
 
خۇلاسە قىلغاندا، بەخت_ سائادەتنى بىرلا تەرىپكە قىسقارتىپ قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ بەخت_ سائادەت ھېس قىلىش يولى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر بەخت_ سائادەتنى بايلىقتىن ئىزدەيدۇ، بەزىلەر ئۇنى مەنسەپ، مەۋقەدىن ئىزدەيدۇ، يەنە بەزىلەر پەرزەنتلەردىن ئىزدەيدۇ. لېكىن ھەقىقىي بەخت_ سائادەت تۇيغۇسى ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋايىغا يەتكەن رازىمەنلىك، خوشاللىق ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن قاپلىغان ھېس_ تۇيغۇدۇر.
 
پىسخولوگلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، خوشاللىق دېگەننى سىرتتىن ئىمپورت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت كىشىنىڭ ئىچىدىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا، خوشاللىقنى مال_ دۇنيادىن، ھوقۇق_ مەنسەپتىن ئىزدەۋاتقان ئىنسانلارنى قۇملۇقتىن سۇ ئىزدەۋاتقان كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ. خوشاللىق ئىزدەش كېرەك نەرسە، ئەمما ئۇنى ئۆزىمىزدىن چىقىرىمىز. چۈنكى دىل خۇشلۇقى ۋە دىل ئارامى نىمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. دىل خۇشلۇقى زېھنىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئىجادىيەتلىرىڭىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەزىلەر: «خۇشاللىنىش _ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر تۈرلۈك سەنئەتتۇر» دېيىشىدۇ. خۇشاللىققا ئېرىشىشنى بىلگەن كىشى بەختلىك تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىدۇر.
 
2022-يىلى 20-ئىيۇل