دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ھەسەنە خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» 9-نويابىر بىلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتدا باشلاندى.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا، بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىرى، ئاخبارات خادىملىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇشتا ئاكتىپ رول ئويغان كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىسلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
مۇنبەر بىر يۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ۋە مۇزاكىرە باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئورگانلار ئارا ماسلىشىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈكئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مۇنبەر يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر قاراشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچرىشىشىغاۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىشغا پۇرسەت يارىتىدۇ.
يىغىننىڭ نەخ مەيدان ئۇلىنىشى:
لاگېر شاھىتىلىرى يىغىندا.
2022-يىلى 9-نويابىر