چاۋۇشوغلۇ: ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىز كۈتكەن ئىتتىپاقلىق يوق

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلۈت چاۋۇشئوغلۇ پارلامېنتتا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئىلان قىلىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، لېكىن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدا بىردەكلىك يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولغان تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بەزىدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نوتۇقلىرى ئارقىلىق پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بەزىدە ئۆكتىچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مىنىستىرلارنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستايدىغان سەزگۈر بىر تېما بولۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تۈركىيە ئەمەلدالىرى ئاندا-ساندا خەلقئارالىق يىغىنلاردىمۇ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكتە. 

ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ 8-نويابىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا سۆز قىلغاندا، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ جاۋابىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باياناتلىرىغا قوشۇلۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، لېكىن ئىسلام دۇنياسىدىمۇ، تۈرك دۇنياسىدىمۇ بىرلىك يوقلۇقىنى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ خالىغىنىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «غەرب دۆلەتلىرى بۇرۇندىن بۇنى خىتايغا قارشى سىياسەت سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى خالايتتى. شۇڭا، ئارىسىغا تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلارنى قوشۇۋالاتتى. بىز بولساق ئايرىم (ئۇيغۇرلارنىلا) تىلغا ئالاتتۇق. يېقىندىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرى ئورتاق باياناتلىرىدا ئۇيغۇرلارغىلا مەركەزلەشكەن بولغاچقا، بىزمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدۇق. لېكىن بۇ مەسىلىدە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ، تۈرك دۇنياسىدىمۇ بىرلىك يوق. مەن ھەقىقەتلەرنى سۆزلەۋاتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ خالىغىنىمىزنى قىلالمايۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە باشقا مۇۋازىنەتلەرمۇ بار. لېكىن بىز يالغۇز قالساقمۇ پەلەستىن دەۋاسىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تۈركلىرىنىمۇ داۋاملىق قوللايمىز». 

2022-يىلى 9-نويابىر