خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «تور چولپانلىرى»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا بىر قاتار دوكلاتلارنى ئىلان قىلغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى(ASPI)نىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن دارىيا ئىمپىيومباتو (Daria Impiombato) ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان 18 «تور چولپىنى»نىڭ (influencers) 1700 دىن ئارتۇق ۋىدېئوسىنى ئانالىز قىلىپ چىققان.
 
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 20-ئۆكتەبىر ئىلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ «تور چولپانلىرى»نىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەت، مۇڭغۇل، خوڭكوڭلۇق ۋە قازاقىستانلىقلارمۇ بار ئىكەن. ئىمپىيومباتو ۋە خىزمەتداشلىرى «گۈل»(Guli) ئىسىملىك ئاچا-سىڭىللار ئۈستىدە ئالاھىدە ئىزدەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىنستاگرام، تىكتوك، تۋىتتېر ۋە يۇتيۇبتا ھېسابلىرى بار ئىكەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدا چەكلەنگەن.
 
بۇ ۋىدېئولار «تور چولپانلىرى» ياكى خىتاي كومپارتىيىسىگە قاراشلىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسىمۇ 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىر ئۇلارنىڭ ۋىدېئوسىنى تارقاتقان. ئۇلار ئالاھىدە يوللار ئارقىلىق يۇتيۇبقا ئېرىشەلەيدىكەن.
 
2022-يىلى 10-نويابىر