2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا چىمپيون بولدى

 قاتار ساھىبخانلىق قىلغان 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنغا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. فرانسىيە ئىككىچى، كرودىيە ئۈچىنچى بولدى. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان ئافرىقا دۆلىتى بولغان ماراكەش تۆتىنچى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، قاتار دۇنيا لوڭقىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەرىپدىن تەنقىدكە ئۇچرىدى. 

18-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈۈلگەن ئارگېنتىنا بىلەن فرانسىيە ئارىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 3-3 ئاخىرلاشقان بولۇپ، نۇقتا تېپىشلىرىدە ئارگېنتىنغا فرانسىيەنى مەغلۇب قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، برازىلىيە 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى مۇزېيىغا ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان، ئارگېنتىنا ياۋروپانىڭ سىرتىد چىمپيون بولغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى. دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە 2006-يىلى ئىتالىيە، 2010-يىلى ئىسپانىيە، 2014-يىلى گېرمانىيە ۋە 2018-يىلى فرانسىيە چىمپيون بولغان. ئارگېنتىنغا 1978- ۋە 1986-يىللىرى چىمپيون بولغان بولۇپ، 36 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چىمپيون بولدى.

np_file_200314

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پۇتبول چولپانلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم سەھنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئارگېنتىنالىق مېسسى، پورتىگالىيەلىك رونالدو، برازىلىيەلىك نېيمار ۋە فرانسىيەلىك ئېمباپې قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۆزلىرىنى نامايەن قىلدى. دۇنيا ترىخىدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ بىرى بولغان 35 ياشلىق ليونېل مېسسى تۇنجى قېتىم دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپيونى بولغان فرانسىيەنىڭ ماھىرى 23 ياشلىق ئېمباپى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى نامايەن قىلىپ دۇنيا چولپىنى بولدى. كېليان ئىمباپپې 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولۇپ مۇكاپاتلاندى. 

mbappe

بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا نۇرغۇن ھەيران قالارلىق مۇسابىقە نەتىجىلىرى بولدى. ئارگېنتىنا تۇنجى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە سەئۇدى ئەربىستانغا 2 دە 1 ئۇتتۇرۇپ قويدى، لېكىن ئاخرىدا چىمپيون بولدى. ئەڭ كۆپ دۇنياۋىي چولپانلار توپلانغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان برازىلىيە كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كرودىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى ماراكەش بولسا 2-ئايلانمىدا ئىسپانىيەنى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پورتىگالىيەنى مەغلۇب قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتى بولدى. 

morocco

20-نويابىر باشلىنىپ 28 كۈن داۋاملاشقان ۋە 63 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن قاتار دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى لۇسايىل تەنتەربىيە سارىيىدا رەسمىي يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن، قاتار دۇنيا لوڭقىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەرىپدىن تەنقىدكە ئۇچرىدى. قاتاردا دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن سېلىنغان تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن ئىشچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كىشىلك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قۇرۇلۇشلارنى شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھۆددىگە ئېلىشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. 

2022-يىلى 19-دېكابىر