ئىستانبۇلدا 5-ئاپرىل بارىن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

 ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىمۋول خاراكتېرلىك بىر ئىنقىلاب بولغان ۋە قانلىق باستۇرۇلغان بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى يېقىنىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 

1990-يىلى 5- ئاپرېل يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 33 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن باشلاندى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بارىن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا ئالدى بىلەن بۈگۈن خاتىرىلىنىۋاتقان بارىن قەتلىئامىنىڭ 1990-يىلى 5-ئاپرېل رامىزان ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلدى. ئارقىدىن بارىن قەتلىئامىنىڭ خىتاينىڭ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارشى قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى، خەلق قوزغىلىڭىدىن جىددىيلەشكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقنى قاتتىق باستۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىپ، ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىخچام ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى .

باياناتتا يەنە: «ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ، بىزنى يالغۇز قويماقتا. بىز تۈركىيە باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەر تەكىتلەندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.

نامايىش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.