خىتاينىڭ تەشۋىقات جېڭى: 6-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئاخبارات يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان

خىتاي دۇنيادا ئىقتىسادىي تەشىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تەشۋىقات ۋە يۇمشاق كۈچ ساھىسىگىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات يىغىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ساھىپخانلىقىدا 14- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە باشلانغان. 
 
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «سۈنئىي ئەقىل ۋە تاراتقۇلاردىكى ئۆزگىرىش» تېمىسىدىكى يىغىنغا، دۇنيادىكى 106 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 208 تاراتقۇ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارنىڭ 500 دىن ئارتۇق ۋەكىلى قاتناشقان.
 
ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈەن بىڭجوڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈري،. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن ۋېنجۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېركىن تۇنىياز، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ باش دېرىكتورى پيېر كراخېنبۇخل (Pierre Krahenbuhl)، روسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى TASS نىڭ باش دېرىكتورى ئاندرېي كوندراشوف ( Andrey Kondrashov)، ئەلجەزىرە ئاخبارات تورىنىڭ مۇۋەققەت باش دېرىكتورى موستېفا سۇئاگ ( Mostefa Souag)، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى گەن لىڭ-سېزې (Gan Ling-Sze)، خىتاي ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ جىنجۈن ۋە «ھىندى دىنى» تورىنىڭ تەھرىرى سۇرېش نامبات (Suresh Nambath) قاتارلىقلار سۆز قىلغان.
 
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەرقايسى تەرەپلەر سۈنئىي ئىدراكنى (AI) ئاخبارات تەرەققىياتىدا ئىشلىتىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رەقەملىك دەۋردىكى ئورتاق بۇرچى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان) يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، دۇنيانى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
 
مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات باشلىقلار يىغىنى (World Media Summit) 2009-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە روسىيە پايتەختى موسكۋا ۋە قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ۋە بۇرمىلاش ئۈچۈن تەشۋىقات زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىن ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 
 
2024-يىلى 14-ئۆكتەبىر