ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېنېرگىيە شىركىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە پارلامېنتى چارشەنبە مەزكۇر شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاساسلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بارغىنىدا ئەخلاقىي تەمىنات زەنجىرلىرىنى ئىشلىتىشتە بىر يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ئېدۋارد مىلىبەند بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزمەكتىكەن. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يېڭى شىركىتى «بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى»نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ دۆلەت بۇيرۇقى بىلەن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى» دېگەن.
ئەنگلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى مايكول شەڭكس بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، «بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بىر سانائەت يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە پاكىز ئېنېرگىيە ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشتا ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىتىدۇ. ئەنگلىيە خەلقى ئۆزى ئىگە بولغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى بىز ئۆزىمىزنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەلگۈسىمىزنى يارىتىشتا پەخىرلەنگۈدەك بىر ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
«بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى» بۇلتۇر ئىيۇلدا يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئېنېرگىيە چىقىملىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئەمگەك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، «بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە قانۇن لايىھەسى» پارلامېنتتا ماقۇللانغاندىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلىدىكەن.
ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىلىباند 21 - مارت كۈنى ئەنگلىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ 180 مىليون پوند-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى تۇنجى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 200 مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىگە كۈنتاختا بېكىتىلىدىكەن. مىلىباند مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە بىر قىسىم كۈنتاختىلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغىنىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئالتون بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۋىتتېر (X) ھېسابىدا ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغان كۈنتاختىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ قولى بولماسلىقىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
خەۋەردە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ يەرشارىۋى تەمىناتىنىڭ %45 ىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى، شوخلا مەھسۇلاتلىرىدىن سىرت، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى مەھسۇلاتلىرىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىكى ئاساسلىق نىشانلاردىن بىرى بولماقتا.
2025-يىلى 26-ئاپرىل