ترامپ: زېلېنسكىي تىنچلىق ئۈچۈن قىرىمدىن ۋاز كېچىشكە تەييار

پاپا فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاتىكانغا بارغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي  ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى، 2025-يىلى 26-ئاپرېل.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە قىرىمدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىئو شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: «ئەگەر روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىسا، ترامپ ھۆكۈمىتى مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن».

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 27-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى روسىيەنى ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە قىرىمدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ يەكشەنبە كۈنى يېڭى جېرسىي شىتاتىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ۋە شەنبە كۈنى ۋاتىكاندا زېلېنسكىي بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىينىڭ كەلگۈسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىدە 2014-يىلى رۇسىيە قوشۇۋالغان قارا دېڭىز يېرىم ئارىلى قىرىمدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى سورالغاندا، تىرامپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھە، مېنىڭچە شۇنداق. قاراڭلار، قىرىم مەسىلسىى 12 يىل بۇرۇن ئىدى».

ترامپ ئارقىدىن قىرىمنىڭ يۇتىۋېلىنىشىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى دېموكراتچى پرېزىدېنتلار باراك ئوباما ۋە جوۋ بايدىنغا ئارتىپ، ئۇلارنى روسىيەنىڭ قىرىمنى «ئۇرۇشماي» ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇڭا مەن بىلەن قىرىم توغرىسىدا پاراڭلاشماڭ، بېرىپ ئوباما ۋە بايدىن بىلەن قىرىم توغرىسىدا پاراڭلىشىڭ. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، بۇ بايدىننىڭ ئۇرۇشى، ترامپنىڭ ئۇرۇشى ئەمەس. مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. مەسىلە بەك كۆپ ئادەم ئۆلۈۋاتىدۇ».

رۇبىئو: تىرامپ مۇرەسسەدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى روسىيەنىڭ قىرىمنى كونترول قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىغا بولغان كونتروللۇقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر تېررىتورىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رۇبىئو شۇ كۈنى NBC نىڭ «ئاخبارات بىلەن كۆرۈشۈش» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەگەر روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىسا، ترامپ ھۆكۈمىتى مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن».

رۇبىئو مۇنداق دېدى: «بىز بالدۇرراق كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل بولمىسا، بىز بۇنىڭغا داۋاملىق ۋاقىت ۋە بايلىقلارنى ئاجرىتالمايمىز».

ئۇ يەنە: «ئەمما بىز كېلىشىم ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ سەۋەبى بار، ئەمما بىز چوقۇم ئەمەلىيەتچىل بولۇشىمىز كېرەك، بىز يېقىن، ئەمما يېتەرلىك يېقىن ئەمەس» دېدى.

تىرامپ بىلەن زېلېنسكىي شەنبە كۈنى پاپا فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ۋاتىكاندىكى بىر چېركاۋدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغان ئىدى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ 2-ئايدا ئاقسارايدا كەسكىن مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى بولدى.

زېلېنسكى: خەلقئارا جەمئىيەت روسىيەگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى

ترامپ بىلەن زېلېنسكىي كۆرۈشكەندىن كېيىن، تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى تەنقىدلەپ، روسىيەنىڭ پۇقرالار رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىدە «ھېچقانداق سەۋەب يوق» دېدى.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف يەكشەنبە كۈنى قويۇلغان CBS نىڭ «دۆلەتكە يۈزلىنىش» پروگراممىسىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئىشلەتكەن نىشانلارغا داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروف زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يەنە روسىيەنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان 30 كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تېخى قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇكرائىنا تەرەپ بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

زېلېنسكىي تېلېگرامما ئۇچۇر سۇپىسىدا ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ روسىيەنىڭ يەكشەنبە كۈنى 70 كە يېقىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي مۇنداق دەپ يازدى: «ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەت ۋە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خەلقئارانىڭ روسىيەگە چۈشۈرگەن بېسىمى بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس».

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا قارشى ئىنكاسلار

ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇرۇش توختىتىش بەدىلىگە بەك كۆپ زېمىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مايك ۋالتىز پرېزىدېنتنىڭ پۇتىن ۋە زېلېنسكىيدىن «ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى»، ئەمما كېلىشىمنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋالتز يەنە ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلار توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاز سانلىقلار رەھبىرى چاك شۇمېر يەكشەنبە كۈنى تىرامپنىڭ «پۇتىنغا تەسلىم بولۇشى» دىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇمېر مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا شۇنچە كۆپ قۇربانلىق بەرگەن ۋە بەدەل تۆلىگەن، ھەمدە پۈتكۈل غەرب دۇنياسى پۇتىنغا قارشى ئىتتىپاقلاشقاندىن كېيىن، ئۇكرائىنادىن ۋاز كېچىش بىر ئەخلاقىي پاجىئە بولىدۇ».

2025-يىلى 28-ئاپرىل